9-ئاينىڭ 11-كۈنى، باقمىچىلار تۇتقان قىسقۇچپاقىلارنى كۆرسەتمەكتە.
تىيانشان تورى\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى) ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا بېقىلغان 10 توننا قىسقۇچپاقا ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ، ئۈرۈمچى، تارباغاتاي، قاراماي قاتارلىق جايلارغا ۋە شىنجاڭ سىرتىغا سېتىلدى.
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، باقمىچىلار ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا تور سېلىپ قىسقۇچپاقا تۇتماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى ئۆز جايىنىڭ يېتىلدۈرۈش مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان قىسقۇچپاقىنى كىرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قارلىق تاغدىكى ئېرىگەن سۇدىن پايدىلىنىپ تەبىئىي بېقىش ۋە ئازگال-كۆللەردە ئېكولوگىيەلىك تارقاق بېقىشنى يولغا قويدى، بۇنداق قىسقۇچپاقىنىڭ گۆشى تەملىك بولۇپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھازىر بۇ شەھەردە قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق مەيدانىدىن 13ى بار بولۇپ، سۇ كۆلىمى 30 مىڭ موغا يېتىدۇ.
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، باقمىچىلار ئالتاي شەھىرى ئاۋىيتان بازىرىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا تور سېلىپ قىسقۇچپاقا تۇتماقتا.
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، باقمىچىلار تۇتۇلغان قىسقۇچپاقىنى تاللىماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى