كۈز كىرىشى بىلەنلا نۇرغۇن بوۋاقلاردا قورساق ئاغرىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا بىر كۈندە ئون نەچچە قېتىم كۆرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ قانداق ئىش؟ ئەمەلىيەتتە چاقسىمان ۋىرۇسلۇق جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى (ئادەتتە چاقسىمان ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش ياكى كۈز پەسلىدىكى ئىچ سۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ) يەنە پەيدا بولدى.
چاقسىمان ۋىرۇس دېگەن نېمە؟
چاقسىمان ۋىرۇسنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى نۆل ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قېلىشىدىكى باش جىنايەتچى!
يىل بېشىدىن يىل ئاخىرىغىچە بوۋاقلار ئۇنىڭدىن يۇقۇملىنىدۇ، لېكىن كۈز ۋە قىش پەسلىدە ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان ھۇجۇمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
چاقسىمان ۋىرۇس ئاساسلىقى گەندە چىقىرىندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاق (چوڭلارمۇ يۇقۇملىنىدۇ، چوڭلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە يېنىك بولىدۇ)نىڭ تەرىتى (ياكى قۇسۇقى)دا كۆپ مىقداردا چاقسىمان ۋىرۇس بولىدۇ، ئەگەر يەيدىغان، ئىچىدىغان، ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگەن تەرەت (ياكى قۇسۇق) بىلەن بۇلغانسا، مەسىلەن، قول، كىيىم - كېچەك، ئۇيۇنچۇق سايمان قاتارلىقلاردىن چاقسىمان ۋىرۇس بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا باشقىلارغا يۇقىدۇ.
چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟
ئادەتتە «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز» بولۇشتا كۆرۈلىدۇ. كېسەل بولغان بوۋاقلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىچى سۈرۈش كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە قۇسۇش ۋە قىزىش ئەگىشىپ كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا چوڭ تەرەت مىقدارى كۆپ، سۇ كۆپ، قېتىم سانى كۆپ ھەم كىچىك تەرەت مىقدارى ئاز بولۇشتەك كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يۇقۇملانغان بوۋاقتا ئادەتتە ئەھۋال ئانچە ئېغىر بولمايدۇ، مۇۋاپىق سۇيۇقلۇق تولۇقلىغاندا، دورا ئىشلەتمەيلا ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن، ئىچى سۈرۈش (قۇسۇش) ئېغىر بولغاندا، سەل قاراشقا بولمايدۇ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، بوۋاقلار سۇسىزلىنىپ شوك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ بىر ياشتىن كىچىك بوۋاقلار تېخىمۇ شۇنداق. ئاز ساندىكى بوۋاقلار چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن يەنە تارتىشىپ قالىدۇ، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1. نۆۋەتتە چاقسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق. شۇڭا، چاقسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش چاقسىمان ۋىرۇسنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر؛
2. بوۋاق ۋە ئاتا - ئانىلار (بوۋاقنىڭ قارىغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، بولۇپمۇ قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، مەينەت قول بىلەن ئېغىز، كۆز، بۇرۇن ۋە يېمەكلىكلەرنى تۇتماسلىقى كېرەك؛ بوۋاقنىڭ قولىنى ئېغىزىغا سالغۇزماسلىق، ۋاقتىدا پاكىز تۇتۇش كېرەك؛
3. ئائىلە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بوۋاقلارنىڭ قاچا - قۇچىلىرى (سۈت بوتۇلكىسى، قاچا - قۇچا، قوشۇق قاتارلىقلار)نى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇش، كىيىم - كېچەك، يوتقان - كۆرپە، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى پات - پات يۇيۇپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش؛
4. ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش؛
5. چاقسىمان ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان بۇيۇملارنى ئۈزۈل - كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى ياكى ئاپتاپقا قاقلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىش.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى