مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كىچىك دوستلار پائالىيەت نەق مەيدانىغا ئۆزلىرى ياسىغان پانۇسلارنى ئاسماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى) 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋان كوچا باشقارمىسى يەنخۇا مەھەللىسى جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كىچىك دوستلار پانۇس ۋە يۆبىڭ ياساشنى ئۆگىنىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادىتىنى چۈشەندى.
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، بىر كىچىك دوست قۇراشتۇرۇپ بولغان پانۇسنى كۆرسەتمەكتە.
پائالىيەتتە كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پانۇس ياساش قەدەم باسقۇچلىرى بويىچە پانۇس ياساشنى، رېزىنكە لايدىن پايدىلىنىپ يۆبىڭ ياساشنى ئۆگەندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، نەپىس پانۇسلار ۋە رەڭدار يۆبىڭلار ياسىلىپ بولدى. بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت بالىلارغا ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش.
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كىچىك دوستلار رېزىنكە لايدىن پايدىلىنىپ يۆبىڭ ياساشنى ئۆگەنمەكتە.
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كىچىك دوستلار پائالىيەت مەيدانىدا ئويۇن ئوينىماقتا.