مەنبە: جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «ئاچچىقلىنىش بەدەنگە بەك زىيانلىق» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
لېكىن كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا يەنىلا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ
ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ ھەر قېتىملىق ئاچچىقلىنىشىڭىز
بەدىنىڭىزگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ
ۋە ئوڭشىغىلى بولمايدىغان زەخمىلىنىش ئېلىپ كېلىدۇ
بىر قېتىملىق ئاچچىقلىنىش بۇ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاچچىقلىنىشقا جۈرئەت قىلالامسىز!؟
بىر قېتىم ئاچچىقلىنىش 14 خىل كېسەلنى پەيدا قىلالايدۇ!
1. سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش
نۇرغۇن ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش مەسىلىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئاچچىقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
2. باش قېيىش، باش ئاغرىش
بەزىدە بەك خاپا بولۇپ كەتكەندە، باش چىڭقىلىدۇ، ئاغرىيدۇ، ھەتتا مېڭىگە قان چۈشۈپ، ئادەم تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىدۇ.
3. سەكتە، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش
ئادەمنىڭ قەلبى بىلەن بەدىنى زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن گەۋدە. يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئاچچىقلىنىشتىن ئەڭ قورقىدۇ، ئاچچىقلانغاندىن كېيىن يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، نەپەس تېزلىشىش، ئېغىر بولغاندا سەكتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4. قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش
دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. كېسەللىك ئەمدىلا قوزغىلىۋاتقان باسقۇچتا ناچار كەيپىياتنى كونترول قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
5. ئاشقازان يارىسى
ئاچچىقلىنىش سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىپ، لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، ئىشتىھانى ناچارلاشتۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. يۈزگە داغ چۈشۈش
ئاچچىقلانغاندا، قان كۆپ مىقداردا باش قىسمىغا قاراپ ئاقىدۇ، شۇڭا قاندىكى ئوكسىگېن ئازىيىپ، توكسىن كۆپىيىدۇ. توكسىن تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياللۇغ پەيدا قىلىپ، داغ پەيدا قىلىدۇ.
7. يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك
كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسمىغا ئۇرۇلغاندا، يۈرەكنى تەمىنلەيدىغان قان ئازىيىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەسسىلەپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ قانۇنىيەتسىز بولۇپ، جانغا زامىن بولىدۇ.
8. قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى
ئاچچىقلىنىش ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇننى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قالقانسىمان بەز كۈچىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش
ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە بەدەنگە خولېستېرىندىن ئۆزگەرگەن كورتىكوستېرول ياساشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەگەر بەدەندە زىيادە كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
10. ئۆپكە راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
دەردىنى ئىچىگە يۇتۇش، خامۇشلۇق، گۇمانخورلۇق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەيپىيات ئامىللىرىدۇر.
11. دېمى سىقىلىش، نەپسى يېتىشمەسلىك
ئاچچىقلانغاندا، بولۇپمۇ باشقىلار بىلەن قېيدىشىپ قالغاندا، باشقىلار تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا ياكى ئىچى سىقىلىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا، ئادەم دېمى سىقىلىپ نەپسى يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
12. چوڭ تەرەت نورمالسىزلىقى
بەزىلەر ئاچچىقلانسىلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ ياكى جىددىيلەشسىلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاچچىقلانغاندىن كېيىن، ئۈچەي يولى، دوۋساقمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قىسقىراپ، چوڭ تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
13. يۈرەك كېسىلى
ئادەم ئاچچىقلانسا، سىمپاتىك نېرۋا ئۇزاق مۇددەت جىددىيلىشىپ، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يۈرەك زەخىملىنىپ، كۈتۈلمىگەن يۈرەك مەسىلىسى يۈزبېرىدۇ.
14. قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش
ناچار كەيپىيات قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچراپ، غەزەپلىنىش، ئۆچمەنلىك قىلىش قاتارلىق ھاياجانلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولسا، قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئېغىر بولغاندا يۈرەك زەئىپلىشىش، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئاچچىقلىنىشقا ئامراقلار، بۇ بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ
1. جۈزە شۆپىكى
جۈزە پوستىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، چاي بىلەن بىللە دەملەپ ئىچسىمۇ، ئايرىم دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ، تەمى خۇش پۇراق بولۇپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قورۇما قورۇغاندا بىر نەچچە تال سېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
2. ئاق تۇرۇپ
يېڭى تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ كىچىك پارچە قىلىپ توغراپ، گۈرۈچ بىلەن بىللە قاينىتىپ ئۇماچ قىلغاندا، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، تاماق سىڭدۈرۈپ، دىئافراگمىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
3. دولانا
دولانا تاماق سىڭمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كۆكرەك - قورساق كۆپۈپ ئاغرىشقا ماس كېلىدۇ، ئاچچىقلىنىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىشكە بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. خام يېيىش، پىشۇرۇپ يېيىش ياكى چاي دەملەپ ئىچىش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى بار.
4. ئەتىرگۈل
ئەتىرگۈلنى چاي دەملەپ ئىچسە تاماق سىڭدۈرىدۇ، ئىسسىقى ئېشىپ بەلغەم پەيدا بولغان كىشىلەر ئىچسە ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بەلغەمنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيگە بىر دەستە ئەتىرگۈل قويۇپ قويساق، خۇش پۇراقنى پۇرىساق، كەيپىياتىمىز خېلى ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
ئاچچىقلانماڭ
ئاچچىقلىنىپ كېسەل بولسىڭىز
كېسەل ئازابىڭىزنى ھېچكىم تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ