تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

16 گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلباغنى كېسىپ ئۆتۈش تىيانشاندا تونېل قېزىش زادى قانچىلىك تەس؟

بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول

ئىلگىرى تىيانشان تېغى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان شىنجاڭنىڭ جەنۇبى-شىمالىنى

بىر تونېل بىلەن تۇتاشتۇرۇپ

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ نەچچە ئەۋلاد ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

«گېئولوگىيە مۇزېي» دەپ ئاتالغان تىيانشان تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتەلىگەن

بۇ زادى قانداق يول؟

  «ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە»گە جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن

  قانداق ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارەت كېرەك

  مۇخبىر بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ «يېڭى يەر بەلگىسى»

  ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بىرلىكتە كۆرۈپ كېلەيلى

تىيانشان تاغ تىزمىسىنى قېزىپ تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن

ئالدى بىلەن تىيانشان تېغىنىڭ تاغ گەۋدىسىدىن

  22 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن تونېل قېزىش كېرەك

  بۇ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە

  ياسىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى

  تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدۇر

بۇ تونىلنى قېزىش زادى قانچىلىك تەس؟

تىيانشان تېغىنىڭ ئەزەلدىن «گېئولوگىيە مۇزېي» دەيدىغان نامى بار

پۈتۈن تونېل قۇرۇلۇشىدا

16 گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلباغنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ

تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، تۇيۇقسىز سۇ ئېتىلىپ چىقىپ لاي-لاتقا ئېقىش، تاش پارتلاش قاتارلىق ھادىسىلەر ھەر ۋاقىت يۈزبېرىشى مۇمكىن

بەزىلەر تىيانشان تېغى ئىچكىرىسىدە تونېل قېزىشنى

خۇددى «دۇفۇ بوتقىسى» ئىچىدە قېزىش ئېلىپ بارغاندا ئوخشىتىدۇ

تونېلنىڭ ئىككى ئاساسىي تەشمىسى ئارلىقىدا

بىر ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىنى كۆپەيتكەندە

قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتقىلى بولىدۇ

ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسى ئىچىدە

جۇڭگو قۇرۇلۇشچىلىرى يەنە

دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان «مەخپىي قېزىش خىسلەتلىك ماشىنىسى»

«TBM قاتتىق تاش قېزىش ماشىنىسى» ئارقىلىق

«ئۇزۇن تونېلنى قىسقارتىپ قېزىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

ئەسلىدە، يەتتە يىلدا ئاران تۇتاشتۇرغىلى بولىدىغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى

بەش يىلغا قىسقاردى

تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدىن باشقا

پۈتكۈل ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۈرىدە

يەنە قانداق يارقىن نۇقتىلىق يول، كۆۋرۈك، تونېللار بار؟

بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن

يەنە جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش-تىرانسپورتىغا

كىشىلەرنىڭ قاتنىشىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

بۇ يولنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز

4-CCTV جۇڭگو تىلى خەلقئارا قانىلىدا

  سائەت 12دە كۆرسىتىلىدىغان

«جۇڭگونىڭ يېڭى يەر بەلگىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى چاتما پىروگراممىغا

  دىققەت قىلغايسىلەر!

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.