تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۆبىڭ تاللاپ سېتىۋالغاندا بۇ ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ

  جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۆبىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىق يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستېمالنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. ئىستىمالچىلارنىڭ يۆبىڭنى بىخەتەر، ساغلام ئىستىمال قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تاللاپ سېتىۋالغاندا بىرىنچىدىن تەكشۈرۈش، ئىككىنچىندىن قاراش، ئۈچنچىدىن تېتىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  تاللاپ سېتىۋالغان يۆبىڭنى ئورالمىسىدىكى بەلگە، كۆرسەتمە بويىچە، تېمپېراتۇرا، نەملىك دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغان مۇھىتتا ساقلاش، ساقلاش ۋاقتى مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەم ئىمكانقەدەر سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە ئىستېمال قىلىشى كېرەك. پېچىتىنى ئاچقاندىن كېيىن دەرھال ئىستېمال قىلىۋېتىش، يەپ بولالمىغان بولسا، مەھسۇلات ئورالمىسىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە ساقلاش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يۆبىڭنىڭ تەركىبىدە قەنت، ماي ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلار مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشى، باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى، غىزانىڭ تەڭپۇڭلۇقى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش كېرەك. ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىشى، كۆپ يېمەسلىكى كېرەك. دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى كېرەك. زىيادە سېزىمچان كىشىلەر يۆبىڭ يېگەندە، سەپلەنگەن ماتېرىياللار جەدۋىلىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتى يۆبىڭ دېگەندەك يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.