تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاناس مەنزىرە رايونى ئوتتۇراھال قارنى كۈتۈۋالىدۇ  ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشىدۇ

   قاناس نۆل ئارىلىق خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەتە، ئۆگۈن قاناس مەنزىرە رايونىدا قار - يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

   مۆلچەرلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەتىگەندىن 13 - كۈنى كېچىگىچە، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى تاشئۆيدىن قاناس مەنزىرە رايونىغىچە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئوتتۇراھال قارغا ئايلىنىدىكەن، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە قاناس مەنزىرە رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن.

   قۇم يېزىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتى. جۇڭگو ھاۋارايى تورى

   قاناس مەنزىرە رايونى كەڭ ساياھەتچىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يامغۇرلۇق ۋە تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئايىغى تەييارلىۋېلىڭ، قار ـ يامغۇرلۇق كۈنلەردە ماڭغاندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىڭ ھەمدە يېتەرلىك قېلىنراق كىيىم ئېلىۋېلىڭ.

   يامغۇر ياغقان كۈنلەردە كۆرۈش دەرىجىسى ئاسانلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ۋە يول تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، كەڭ شوپۇرلار يول ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.