جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۆبىڭ ئىستېمالى يۇقىرى پەللىگە چىقتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يۆبىڭ ئىستېمالى توغرىسىدا ئەسكەرتىش چىقىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ يۆبىڭنى توغرا تونۇشى، تاللاپ سېتىۋېلىشى ۋە ساغلام ئىستېمال قىلىشىغا ياردەم بەردى.
بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: يۆبىڭ تاللاپ سېتىۋالغاندا، ئىستېمالچىلار تۆۋەندىكى ئالتە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى، ئىشەنچلىك ئورۇنلاردىن تاللاپ سېتىۋېلىش. سالاھىيەت كىنىشكىسى تولۇق بولغان چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى ۋە پېچىنە-پىرەنىك مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن تاللاپ سېتىۋېلىش، يول بويى ياكى دوستلار چەمبىرىكىدىكى مۇنتىزىم بولمىغان جايلاردىن سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالىتى بولمىغان يۆبىڭ سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئوراش-قاچىلاش بەلگىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش. يۆبىڭنىڭ ئورالمىسىدىكى مەھسۇلات نامى، زاۋۇت نامى، زاۋۇت ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، SC ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە نومۇرى قاتارلىقلارنىڭ تولۇق، ئېنىق ياكى ئەمەسلىكى، سىرتقى ئورالمىسىنىڭ پاكىز ياكى ئەمەسلىكى، بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقى، يۆبىڭدە سۈپەت ئۆزگىرىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئاقىلانە ئىستېمال قىلىش. ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «باھاسى چۈشۈرۈلگەن» «سېتىش تېزلىتىلگەن» يۆبىڭلەرنى قاراپ سېتىۋېلىش كېرەك، باھاسى ئېنىق، ئاشكارە يېزىلغانمۇ-يوق قاراش كېرەك؛ سودىگەرلەر تەشۋىق قىلغان «ساقلىق ساقلايدۇ» «شېكەرسىز» قاتارلىق ئۇقۇملارغا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى چۈشىنىش كېرەك.
تۆتىنچى، مال سېتىۋېلىش ئىسپاتىنى ساقلاپ قېلىش. تاۋار سېتىۋالغاندا مال سېتىۋېلىش ئىسپاتىنى ياخشى ساقلاپ قويۇش، توردىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنىڭ كەسمە رەسىمىنى ساقلاپ قويۇشقا دىققەت قىلىش، ئىستېمال ماجىراسى يۈز بەرگەندە ئۇنى ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.
بەشىنچى، مۇۋاپىق ساقلاش، ئىلمىي ئىستېمال قىلىش. يۆبىڭنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، سېتىۋالغاندىن كېيىن ئوراش-قاچىلاش چۈشەندۈرۈشىدىكى ساقلاش ئۇسۇلى بويىچە ساقلاش ھەم ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئالتىنچى، ئورالمىسى زىيادە ھەشەمەتلىك، شەكلى يېڭى، باشقا تۈردىكى قىممەت يۆبىڭلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش. قارىغۇلارچە بەسلەشمەسلىك، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ئىلمىي ئىستېمال ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى بازارنى چارلاشنى كۈچەيتىدۇ، ئىستېمالچىلار ئەگەر بازار باھاسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، ۋاقتىدا 12345 ياكى 12315كە تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسا ۋە پاش قىلسا بولىدۇ، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى