ما شىڭرۇي ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ھال سورىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى
ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
ئاپتونوم رايون يېقىندا 40 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسىگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىيات، باشقۇرۇش، ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار، مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارغا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 40 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسى ۋە سانجى شۆيۈەنىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئىككى مەكتەپنىڭ تەرەققىيات، باشقۇرۇش، ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار، مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسىدە، ما شىڭرۇي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھايۋانات يۇقۇمىغا دىياگنوز قويۇش ـ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، تېخنىكا تەتقىقاتى، مەكتەپ ـ كارخانا ھەمكارلىقى، نەتىجىلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، مەكتەپ تەجرىبىخانىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساھەلەرنىڭ تېخنىكا ئۆزگىرىش يۆنىلىشىنى توغرا نىشانلاپ دەل جايىدا كۈچەپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ماھارەت تىپىدىكى ئەمەلىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە ماھارەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
سانجى شۆيۈەنىدە، ما شىڭرۇي مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، پەنلەرنى دەل جايىدا تەسىس قىلىپ، ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى ـ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قارىتا تىرەكلىك كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۇختا نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلەش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىش، تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيە ئېھتىياجى ۋە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تىرەك بولۇش ۋە يېتەكلەش مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىززەت ـ ھۆرمىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جەمئىيەتتە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە قىلىش، بۇ كەسىپنى جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يېقىندا، ئاپتونوم رايون يەنە ئۈرۈمچىدە 40 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ مائارىپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام قاتارلىق ئون ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ مائارىپ تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى. ما شىڭرۇي كۆپچىلىكنىڭ نەتىجىسى ۋە تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپچىلار روھىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى باشتىن ـ ئاخىر مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى، ئوقۇتۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا مائارىپ قانداق رول ئوينايدۇ»دىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مائارىپنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار، «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى»، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.