تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

«ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان» لىنىيە ئاپتوموبىلى ئىشىك ئالدىمىزغىلا كەلدى
 

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
    «ھازىر <ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان> لىنىيە ئاپتوموبىلى ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىدىغان بولدى، بىزنىڭ سىرتقا چىقىپ مال سېتىۋېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەكتەپتە ئوقۇش، داۋالىنىش، ئىستېمال قىلىشىمىز كۆپ قولايلاشتى، كۆپچىلىك چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى.» ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسى سىيەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېھىم قادىر ئىشىكى ئالدىدا «ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان» لىنىيە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، يېزىغا بېرىپ بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى.
    سىيەك كەنتىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى سەككىز كىلومېتىر كېلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى يېزىغا پىيادە ياكى موتوسىكلىت مىنىپ بارىدىغان بولۇپ، ناھايىتى قولايسىز ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ سىيەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغانىدى، بۇ ئىش دەرھال ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
    شۇڭا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۇ كەنتتىكى «ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان» لىنىيەنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كونكرېتلاشتۇرۇلغان، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تەدبىر-تەكلىپلەرنى شەكىللەندۈردى ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا سىيەك كەنتىدىكى «ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان» لىنىيە ئاپتوموبىلىنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپى ئونسۇ ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرىنىڭ پائال ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئاقسۇ شەھىرى شۈندا تىرانسپورت مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئونسۇ ناھىيەلىك شۆبە شىركىتى شۇنىڭغا ئەگىشىپ سىيەك كەنتىدىن يېزىغا قاتنايدىغان «ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان» لىنىيە ئاپتوموبىلىنى يولغا قويۇپ، سىيەك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۇ كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ قولاي ھالدا بازارغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
    «ئىشىكتىن چىقسىلا ئاسفالت يول، ئاپتوبۇسقا چىقىشمۇ ناھايىتى قولاي بولۇپ كەتتى،» سىيەك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلاندى. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ سىيەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» تۈپ مەقسىتىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىجىل سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. (جاڭ شياۋجىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.