تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

مارالبېشى: پەرەڭ لازىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، مول ھوسۇلدىن ئۈمىد بار

   يېقىندا، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شېكەرباغ كەنتىدىكى پەرەڭ لازىسى ئۆستۈرۈش بازىسى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى، تۈپ ـ تۈپ پەرەڭ لازىلارنىڭ بۈك ـ باراقسان ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بولۇپ، مول ھوسۇل ئۈمىدىگە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. سۈرەتتە: يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ۋە دېھقانلار لازىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

بۇ يىل يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدا 3200 مو يەرگە پەرەڭ لازا تېرىلىپ، 9ـ ئاينىڭ ئاخىرى يىغىۋېلىش مۆلچەرلەنمەكتە.

يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى دېھقانلارنىڭ ئېتىز پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار نۇرئەلا، ماينۇر)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.