مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلى ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يۆبىڭ بازىرىدا سېتىۋېلىش-سېتىش تەڭ جانلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ زاكاز تالونى ئۈزۈلمىدى، ئۇلار بايرام پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىللە، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز بازارغا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خام ماتېرىياللىرىنى يۆبىڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بازارنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ جىنپەيلىئېر چوڭ بازار يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار لاۋۋۇرېن يۆبىڭى، قېتىق يۆبىڭ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇپ، تەييار بولغان يۆبىڭلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ جىنپەيلىئېر چوڭ بازار يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار يۆبىڭ پىشۇرماقتا.
شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە بولكا، پىشۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىنپەيلىئېر شىركىتىنىڭ لېبا، نان، پىشلاق، يۆبىڭ قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ جىنپەيلىر چوڭ بازار يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باش مۇدىرى ما شىنيەن مۇنداق دېدى: 6-ئايدا شىركەت جۇڭچيۇ بايرىمى ئۈچۈن مال تەييارلاشقا باشلىدى. بۇ يىلقى ئومۇمىي سېتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل شىركەتنىڭ سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن %30 ئاشتى، ھازىر ھەر كۈنى 10 توننىدىن ئارتۇق يۆبىڭ بېيجىڭ، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرگە توشۇلىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى 20 كۈندە، سېخ 24 سائەت ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ يۆبىڭ ئىشلەپچىقاردى.
بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل، جىنپەيلىئېر شىركىتى ئىلگىرىكى قايماق يۆبىڭ ئاساسىدا قېتىق يۆبىڭنى بازارغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياڭجى گەنلۇ يۆبىڭى، يەنە تۇزلۇق ئاچچىق كالا گۆشى يۆبىڭنى بازارغا سالدى.
ما شىنيەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىركەتنىڭ تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى خېلى ياخشى بولۇپ، يۆبىڭ سېتىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40نى ئىگىلىدى. لاۋۋۇرېن يۆبىڭى، گۇاڭدۇڭچە چۈرۈك پوستلۇق يۆبىڭ قاتارلىق ئەنئەنىۋى يۆبىڭلار يەنىلا بازارنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولسىمۇ، لېكىن شىركەت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، شېكەرسىز يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ئەنجۈر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يۆبىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار زاكازلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماقتا.
يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىدىكى ئۈرۈمچى ئەنجۈر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يۆبىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار زاكاز قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان قولدا ئىشلەنگەن قايماق-قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكى يۆبىڭلارنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ، بۇ يىل يەنە قايماقلىق، يۇمشاق، ئاي يۈرۈشلۈك يېڭى پاسوندىكى يۆبىڭلار بازارغا سېلىندى.
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، سودىگەر شىنجاڭ جىنپەيلىئېر چوڭ بازار يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دۇكىنىدا يۆبىڭ سېتىۋالماقتا.
زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى نۇرغۇن يېمەكلىك كارخانىلىرى شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنى پائال كېڭەيتىش بىلەن بىللە، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز بازارغا سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارغا شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدىن ياسالغان خاس يۆبىڭىنى تېتىتقان.
نۆۋەتتە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىدا يېمەكلىك كارخانىسىدىن 78سى بار بولۇپ، مەھسۇلات تۈرلىرى بولكا، لېبا، پىشۇرۇق، گۆش مەھسۇلاتلىرى، شىنجاڭنىڭ خاس قۇرۇق مېۋىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سانائەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى يۈ تاۋ مۇنداق دېدى: باغچە رايونىمىز يېقىنقى مەزگىلدە باغچە رايونى ئىچىدىكى مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باغچە رايونى ئىچىدىكى ئايلانما يولنى ئاچتى. تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار باغچە رايونىدىن چىقمايلا تاۋار سېتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار ئارا تەمىنات-سودا ھەمكارلىقى، «باغچە رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش، باغچە رايونىدا سېتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى ئەنجۈر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يۆبىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار زاكازلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماقتا.