تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو شىنجاڭ دالا ھەرىكىتى مۇسابىقىسى 2024-يىللىق شىنجاڭ ئاپتوموبىل (ئۆي ئاپتوموبىل) دالىدا قونۇش يىغىنى ئالتاي شەھىرىدە باشلاندى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ياخشى جاي − جۇڭگو شىنجاڭ دالا ھەرىكىتى مۇسابىقىسى 2024-يىللىق شىنجاڭ ئاپتوموبىل (ئۆي ئاپتوموبىل) دالىدا قونۇش يىغىنى ئالتاي شەھىرىدىكى ۋۇبەيلى مەنزىرە كوچىسىدا رەسمىي باشلاندى.

    بۇ قېتىمقى دالىدا قونۇش يىغىنىدا ئىلگىرىكى دالىدا ئېلىپ بېرىلىش ئەندىزىسى ئۆزگەرتىلىپ، مۇسابىقە تۇنجى قېتىم كوچا، سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈلدى. پائالىيەت تۈرلىرىدىن پۇقرالار ياقتۇرىدىغان تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ۋە مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى بار، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى خۇشال كەيپىياتتا بەدەن چېنىقتۇرۇش، مېڭىش (2.2 كىلومېتىر)، ئۇچار پىچاق (فىيبياۋ) مۇسابىقىسى، ئىككى ئادەم ئۈچ پۇتلۇق بولۇش مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق تەنتەربىيە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، چېدىر تىكىش مۇسابىقىسى، پۇقرالار چوڭ سەھنىسى كۆرىكى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت كۆرگەزمە تۈرلىرى ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى، چېلىشىش مۇسابىقىسى، قول قايرىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    تيەنجىندىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ يۈجيې مۇنداق دېدى: «دالىدا قونۇش يىغىنىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتىم، مەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە خۇشال كەيپىياتتا بەدەن چېنىقتۇرۇش، مېڭىش، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى، قول قايرىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتىم، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلدى. ئالتايغا كەلگىلى نەچچە كۈن بولدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شۇ جايدىكى مۇزېيغا، يەنە جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا باردىم، شۇ جاينىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

    جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم ئالتاي ۋىلايىتى 2024-يىللىق شىنجاڭ ئاپتوموبىل (ئۆي ئاپتوموبىل) دالىدا قونۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ «تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى مەنزىرە رايونى، كوچىلار، سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈش» پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاۋاز قوشتى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، «تەنتەربىيە + ساياھەت» ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئالتاي ۋىلايىتى ئەۋزەل تەبىئىي مەنزىرە بايلىقىغا ئىگە، ھەيۋەتلىك ئالتاي تاغ تىزمىسى قاناس، قۇمقاناس، دۆلەت يولى G331 لىنىيەسى ۋە ئالتاي-قۇمقاناس تاشيول لىنىيەسى قاتارلىق دالا ھەرىكىتى بايلىقىنى يېتىلدۈرگەن، ئېرتىش دەرياسى، قىران دەرياسى خۇددى يىپەك لېنتىدەك تولغىنىپ ئاقىدۇ، بۇ يەر تەبىئەتنىڭ نادىر ئەسىرى، دالا ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ماكانىدۇر. بۇ قېتىمقى يىغىندا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت مەزمۇنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئالتاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن ئېسىل دالا ھەرىكىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىككە بىر مەيدان كۆرۈش سەزگۈسى ۋە ھېس قىلىشتىكى كاتتا زىياپەت ئېلىپ كېلىشنى، شۇنداقلا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشنى مەقسەت قىلغان.

    ​بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى باشقۇرۇش مەركىزى ھەمكارلاشقان، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئالتاي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ رۇنجياڭ جۇڭگوچە رەسىملەر يۇرتى، ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئىجرا قىلغان. 

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇ قېتىمقى دالىدا قونۇش يىغىنىنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، دالىدا قونۇش يىغىنىدا، ماھىرلار قول قايرىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، دالىدا قونۇش يىغىنىدا، تەشكىلىي كومىتېت تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى، ترېنېرلارغا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلدى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، دالىدا قونۇش يىغىنىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى ئورۇندالماقتا.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، دالىدا قونۇش يىغىنىدا ماھىرلار ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، دالىدا قونۇش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي شەھىرىدىكى 56 نەپەر ئۆسمۈرلەر، بالىلار ئۈجمە قەغىزىگە بىرلىكتە سىزغان «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۆگىمە رەسىم كۆرگەزمە قىلىندى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇ قېتىمقى دالىدا قونۇش يىغىنىدىكى خۇشال كەيپىياتتا بەدەن چېنىقتۇرۇش، مېڭىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.