9-ئاي كىرىشى بىلەن، چىڭگىل ناھىيەسىدىكى جىغانلار يىلدا بىر كېلىدىغان مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، رەت-رەت، ساپسېرىق، تولۇپ پىشقان جىغانلار شاخلارغا پاتماي قالغانىدى، دانىلىرى ئىنتايىن سۈزۈك، يالتىراق بولۇپ، خۇددى ئالتۇن رەڭ دېڭىزغا ئوخشايتتى. 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرىدىكى جىغانلىقتا، دېھقانلارنىڭ ئالدىراش جىغان ئۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاينام تاشقىنلىققا تولغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. جىغان دېھقان-چارۋىچىلارغا مول ھوسۇل خۇشاللىقى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جىغانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
2002-يىلىدىن باشلاپ، چىڭگىل ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت چۆللۈكتە كەڭ كۆلەمدە چوڭ مېۋىلىك جىغان ئۆستۈرۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، يەرنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، قۇم-بوراننى توسۇپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاشنى قارار قىلدى. جىغان ئۆستۈرۈش بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، تاغ-دەريالارنى كۆكەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېكولوگىيەلىك قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن جەمئىيەت ئۈنۈمىدە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، جىغانچىلىق كەسپى تەدرىجىي ھالدا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى، چىڭگىل ناھىيەسىمۇ تەدرىجىي ھالدا كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ئۆزئارا تولۇقلاش، ئىناق تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭدى.
دېھقان جاۋ ۋېيۋېي بۇ يىل 2000 مودىن ئارتۇق جىغاننى ھۆددىگە ئالدى، جىغاننىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى، ھازىر ھەر كۈنى يەتتە توننىدىن ئون توننىغىچە جىغان ئۈزىلىدۇ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا جىغاننى ئۈزۈپ بولۇشنى مۆلچەرلەندى.
نۆۋەتتە چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جىغان تېرىلغۇ كۆلىمى 72 مىڭ موغا يېتىپ، چىڭگىل تۇپرىقىغا ھۆسىن قوشۇپلا قالماستىن، يەنە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى. شىنجاڭ خۇيخۇا جىغان بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سەي يۇڭگو مۇنداق دېدى: «بىز سېخنىڭ جىغان ئۈزۈش ئۈسكۈنىسىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، بۇ يىل 3000 توننا جىغان سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدۇق، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جىغانغا ئالاقىدار مەھسۇلات قىممىتىمىز 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى، (پۈتۈن يىلدا) 50 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدۇق».
(چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئېركىن جاخپار، ياڭ ليۇ)
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى