تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ناخشىچى خەن خۇڭ كېچىلىك نەق مەيدانىدا ئۆزىنىڭ 2025- يىلى ئۈرۈمچىدە شەخسىي ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  9- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچتە، «كۆتۈرەڭگۈ روھ . جۇڭگولاڭ كېچىسى» ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئۈرۈمچى بېكىتىدىكى كېچىلىكى يامغۇردا ئۆتكۈزۈلدى، ناخشا سەھنىسى خانىشى خەن خۇڭ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چولپانلارغا باشلامچى بولۇپ مەيدانغا چىقتى، خەن خۇڭ ناخشا كېچىلىكى نەق مەيدانىدا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2025- يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەخسىي ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىمەن! 

 ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 9- ئاينىڭ 5- كۈنىدە، «خەن خۇڭ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش . شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قايتا ھەرىكىتى» جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى ئىئانە قىلىش، يولغا چىقىش مۇراسىمى ۋە تەربىيەلەش بازىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، خەن خۇڭ بېيجىڭ خەن خۇڭ مېھىر- شەپقەت، خەيرىيەت فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىللە شىنجاڭغا ئىئانە قىلغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېھىر- شەپقەت ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىئانە قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، خەن خۇڭ مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىچىدە شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، شىمالىي شىنجاڭدا خالىس كېسەل كۆرىمىز.

 كىرىشتۈرگۈچى: شۈ چەنيۈەن

 نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.