تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جىڭدۇڭ، تاۋباۋ قاتارلىق 62 خىل App تۈزىتىشنى تاماملىدى

  9-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى جەمئىيىتى شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاپ ئىشلىتىشنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تۈزىتىش كىرگۈزگەن App تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  App شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، پۈتكۈل جەمئىيەت شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايدىغان ياخشى مۇھىت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى جەمئىيىتى توردا مال سېتىۋېلىش، خەرىتە ئارقىلىق يول باشلاش، تور كۆرگۈچ، ئاخبارات-ئۇچۇر، تور ئۈن-سىن، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب، سۈرەتكە تارتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، بۇلۇت دىسكا، قىسقا سىن، ئويۇن بېلىتى قاتارلىق 10 تۈردىكى 62 خىل App تىجارەت قىلغۇچى تەرەپنى تەشكىللەپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى» «دائىم ئۇچرايدىغان تىپتىكى كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي پروگراممىسىدىكى زۆرۈر شەخسىي ئۇچۇر دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا سېلىشتۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى دائىرىدىن ھالقىپ توپلاش، سەزگۈر ھوقۇق دائىرىسىنى زىيادە تەڭشەپ ئىشلىتىش، ھوقۇق دائىرىسى تەسىس قىلىش ۋە ھېسابات نومۇرىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قولايسىز بولۇش قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش مەسىلىسىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تۈزىتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشنى تاماملىدى.

  62 خىل App تىجارەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال دۇكىنى بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن نۇسخىسىنى بازارغا سالدى (تىزىملىك ۋە نۇسخا نومۇرى ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىندى) ھەمدە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان سەۋىيەسىنى داۋاملىق ساقلاشقا ۋەدە بەردى. ھازىر بار بولغان App تىزىملىكىنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:

  «شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.