− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، شۈ جۇاڭ، ۋاڭ پېڭ
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىدا مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىنى ئاچتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە مەردانە قەدەم قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
رامكا ئورنىتىلدى: دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەمدە سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى
چىڭخەي گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، يېرى كەڭ، ئادەم شالاڭ، قاتناش قولايسىز ئىدى. ئىلگىرى، ئەلا سۈپەتلىك تەربىيەگە ئېرىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئارزۇسىنى نۇرلاندۇرۇش بۇ جايدىكىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ئىدى.
2019 - يىلى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە مەخسۇس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»ىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىدە رەسمىي ئوقۇش باشلاندى. يېشىللىققا پۈركەنگەن مەكتەپ مۇھىتى، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، رەقەملەشتۈرۈلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرسخانا... بۇ جاي، گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بالىلارنىڭ شىنىڭدىكى ئۆيى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جاي بولدى.
2024 - يىلى 6 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەيگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، 1 - بېكەتتە گولو شىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرىپ، بۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: «چارۋىچىلىق رايونىدىن بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتىڭلاردا ئاز - تولا ئۆزگىرىش بولىدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭلار تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ».
مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %80ى ساۋاتسىز بولۇپ، ئالىي مائارىپتا ئوقۇشقا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ئاران %0.26 ئىدى. مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ بەك تۆۋەن بولۇشى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى زور توسالغۇ بولۇپ قالغانىدى.
75 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەمدە سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىدە تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپتىن 498 مىڭ 300ى، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىدىن 291 مىليونى، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىدىن 18 مىليون 918 مىڭى بار بولغان.
مىقدارمۇ ئاشتى، سۈپەتتىمۇ ھالقىش بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى، ئالىي مائارىپ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئومۇملاشتۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، بىر تۈركۈم داشۆ ۋە زور بىر تۈركۈم پەنلەر دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.
پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش. دىققەت ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىندى.
2024 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلانغاندىن تارتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق، تىل - ئەدەبىيات، تارىختىن ئىبارەت ئۈچ پەن بىرتۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. يېڭى دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ تاللانغان مەزمۇنى تېخىمۇ مول، تۈزۈلۈشى تېخىمۇ ئىلمىي، ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەن بولدى.
ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى دەرسلىككە كىرگۈزۈلۈپ، دەرسخانىغا كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، بەلكى كاللىغا كىرگۈزۈلۈشتىن ئەمگەك تەربىيەسى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈلۈپ، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئەمگەك قىلالايدىغان بولۇش تەدرىجىي ھالدا مەكتەپنىڭ يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندۇرۇلۇشقىچە؛ يەنە تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، گۈزەللىك تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈش پىلانى، ياش - ئۆسمۈرلەر كىتاب ئوقۇش ھەرىكىتى قاتارلىقلار يولغا قويۇلۇشقىچە... بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپتا يالغۇز «ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈش»كە ئەھمىيەت بېرىلىپلا قالماي، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق ماس يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.
مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى.
2022 - يىلى 12 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، پىكىردە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، ماھىر ئۇستىلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ھەممە كەسىپتىن ئىختىساسلىقلار چىقىدۇ. دۆلىتىمىز كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنى ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي تالانتقا، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات قىزىقىشىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
75 يىللىق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللار بېسىپ ئۆتۈلۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى قۇدرەتلىك، كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى: خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ئاچتى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرمۇ قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ماس قەدەمدە ئېچىپ، داشۆ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنى، بولۇپمۇ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار داشۆ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى بويىچە مەسلىھەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.
2005 - يىلى تۇنجى قېتىم ئېچىلغاندىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئۇدا 20 يىل ئېچىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى بويىچە يىللىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىغان ئادەم قېتىم سانى 160 مىليونغا يېتىپ، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنى كۈنسېرى تاكامۇللاشتۇرۇشتىن «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» بويىچە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى يېزا - كەنت مەكتەپلىرىگە ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاشقىچە؛ دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا ئون نەچچە يىل %4تىن تۆۋەن بولماسلىقتىن مەملىكەت بويىچە 2895 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇننىڭ ھەممىسى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە... يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلدى −
دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ مالىيە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىدىكى بىرىنچى چوڭ چىقىم بولۇشى ساقلاپ قېلىنىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇستەھكەملەندى. «ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى» بويىچە ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 832 ناھىيە ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق چېگرا ناھىيەلىرىگە 10 مىڭ ئەتراپىدا تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىلدى. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى سىجىل ياخشىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
خەلقنىڭ «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش» ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى −
ئاساس مائارىپتا ئەلا بايلىقنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى تېزلىتىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقى كېڭەيتىلىپ، كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپلەر ۋە يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى... تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئاساس مائارىپ يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنماقتا.
ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىندى −
مائارىپ تەرەققىياتى جەريانىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دۆلىتىمىز يېقىن ئەتراپتا ئىمتىھانسىز مەكتەپكە كىرىش، تەۋەلىك بويىچە مەكتەپكە كىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەكتەپكە كىرىشنى ئاشكارا نازارەت قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى؛ «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش ۋە ھۆكۈمەت سېتىۋالغان ئوقۇغۇچى ئورنى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتى %95تىن ئېشىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ۋە شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى.
تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇلدى: مائارىپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسى سانسىزلىغان يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر، مەخسۇس ئىختىساسلىقلار ۋە زور بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىدىغان سەرخىل ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق.
بۇ يىل ئەتىيازدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسى، 2024 - يىللىق ئالىي كەسپىي مائارىپ مەخسۇس كۇرس كەسپىنى تەسىس قىلىشنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئالاقىدار خىزمەت نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، تەڭشەش نىسبىتى تارىختىن بۇيان ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىشى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ماس كەلدى.
75 يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش بۇرچى - ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلدى.
شېنجوۋ ئاسمانغا چىقتى، جياۋلۇڭ دېڭىزغا شۇڭغىدى، بېيدوۋ تور شەكىللەندۈردى... تۈرلۈك چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرى ئالىي مەكتەپلەر تەمىنلىگەن ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردىن ئايرىلالمايدۇ.
ئالىي مەكتەپلەر ئۇل تەتقىقاتتىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش، مۇھىم پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى مەنبە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. 2023 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى ئىچىدە، ئالىي مەكتەپلەر باشلامچىلىق قىلىپ ئېرىشكەن دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %75.5، %75.6، %56.5ىنى ئىگىلىدى.
ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، دۆلىتىمىز «ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى» ۋە ئاساس پەنلەر بويىچە سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، قالتىس ئىنژېنېرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. زامانىۋى ياسىمىچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسىپكارلارنىڭ %70تىن كۆپرەكى كەسپىي مەكتەپلەردىن كەلگەن بولۇپ، ھۈنەر - سەنئەت ماھىرلىرى، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.
يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپ يۇغۇرۇلغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئورنىتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپ، پەن، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشتا، دۆلىتىمىز مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، دۆلەت ئاقىل مائارىپ سۇپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ مائارىپ بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈش مەركىزى ۋە مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئايلاندى، ھەممە ئادەم ئۆگىنەلەيدىغان، ھەممە جايدا ئۆگىنەلەيدىغان، ھەر ۋاقىت ئۆگىنەلەيدىغان بولۇش تېز ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»مۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. 75 يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، تېخىمۇ ھەر تەرەپلىمە، تېخىمۇ كۆپ قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش يېڭى ئەندىزىسى تېز شەكىللىنىپ، مائارىپنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى سىجىل ئاشماقتا.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئون ئادەمنىڭ سەككىزى ساۋاتسىز بولۇشتىن 2023 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 14 يىلدىن ئېشىشقىچە؛ 1980 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر سانى 147 مىڭ ئادەم بولۇشتىن 2022 - يىلى 10 مىليون ئادەمدىن ئېشىشقىچە؛ 1949 - يىلى تۈرلۈك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاران 300 مىڭ بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ھەر يىلى 10 مىليون ئەتراپىدا يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقىچە...
75 يىللىق ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق مائارىپتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مائارىپ خەلق بەخت - سائادىتىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلىنى پۇختىلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)