− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
«خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش يۈكسەك شان - شەرەپ! مەن بۇ شان - شەرەپ بىلەن پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچۇمنى داۋاملىق ياخشى ئادا قىلىمەن». 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 40 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن لوپ ناھىيەسى دول بازارلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلىكىم ئابلىز ھاياجىنىنى باسالمىدى.
ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مائارىپچىلار روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى، مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرى، مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچىلار» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە ئوقۇش تارىخى قۇرۇلمىسى، ئۇنۋان قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك قاتلامدىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلدى.
2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىش، مائارىپ ئىسلاھاتى ئېھتىياجىغا پائال ئۇيغۇنلىشىشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ئاساس مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىن ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي كاپالىتىنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلمىي قېلىپلاشقان، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى سىياسەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.
«مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مائارىپ مۇپەتتىشى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈن چاڭبو.
سىرتتىن كىرگۈزۈلۈپ، ئىچكى جەھەتتە تەربىيەلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى تەڭ ئۆستۈرۈلدى
كۈزنىڭ مەيىن شامىلى كىشىگە راھەتلىك بېغىشلايتتى، چىرايلاردىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، كېرىيە ناھىيەسى ئارىش يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ يېڭى ساۋاقداشلارنى كۈتۈۋالدى.
«مەكتىپىمىزدە ھازىر 1258 ئوقۇغۇچى بار، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى سانى مۇقىم.» ئارىش يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى رۇنشيانىڭ قارىشىچە، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ساپا جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدىكەن.
بۇ يېزىلىق مەكتەپتە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى بەش يىلدا، بۇ مەكتەپ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يوللىرى ئارقىلىق، ئارقا - ئارقىدىن شەنشى سىفەن داشۆسى، قەشقەر داشۆ قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن 31 ئوقۇتقۇچىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلغان، نۇرغۇن ياش ئوقۇتقۇچى بۇ مەكتەپتە كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بويىچە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار جەمئىي 369 مىڭ 800 كىشى بولۇپ، 2018 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 16 مىڭ 900 كىشى كۆپەيگەن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا سان ۋە سۈپەتنىڭ تەڭ ئۆسۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سانى مائارىپ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش، تولۇقلاشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.
ئاپتونوم رايون ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قىس بولغان پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالدىن تولۇقلىدى. 2021 - يىلىدىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 32 مىڭ 200 كىشىنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىپ تولۇقلىدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايون ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر جايغا بىر تەدبىر تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش باسقۇچى، پەن ۋە رايونلار ئارا قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش يوللىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلەش» پىلانى، «ئۈچ رايون»دىكى ئىختىساسلىق ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىدىن 4000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى جەلپ قىلدى، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىدىن 1900 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىدىن 500 نەپەردىن ئارتۇقنى قوبۇل قىلدى، مائارىپقا ياردەم بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە پىراكتىكا ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بەرگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى 60 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن. ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىنكى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يېتىشتۈرۈلگۈچىنى ئالدى بىلەن تەربىيەلەشتە چىڭ تۇردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق «دۆلەت يېتىشتۈرۈش پىلانى» «رايون يېتىشتۈرۈش پىلانى» قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرلىرى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى دەل جايىدا ئىسلاھ قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇنۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ئاپتونوم رايوننىڭ «دۆلەت يېتىشتۈرۈش پىلانى» بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن جەمئىي 82 مىڭ ئادەم قېتىم يېتىشتۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى.
ئوقۇتقۇچى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى
«يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە يېڭى دەرسلىك ئۇقۇمىنى چوڭقۇر چۈشەندۇق، بۇنىڭ بىزنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىمىزگە ياردىمى زور بولدى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يېقىندا داڭلىق ئوقۇتقۇچى دىڭ جەنجۈننىڭ فىزىكا دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن.
دىڭ جەنجۈن ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسخانىسىدا كۆپ يىل چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، مول كەسپىي بىلىم ۋە ئىلغار مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىدىيەسى توپلىغان. بۇلتۇر، دىڭ جەنجۈن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىغا تاللانغان.
دىڭ جەنجۈن داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئوقۇتۇشنى يېزىلارغىچە يەتكۈزۈش، ئوقۇتۇش - تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىلغار فىزىكا مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىدىيەسىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىگە تارقاتتى، ھەم داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرىنى يېتىشتۈردى، جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈشكە قاتناشتى.
داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى پايدىلىق ئىزدىنىش. 2022 - يىلى ئاپتونوم رايون «تىيانشان تالانتلىقلىرى» بويىچە مائارىپ ساھەسىدە باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى باشلىدى، بۇنىڭغا 120 ئوقۇتقۇچى تاللاندى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەت ۋە خىراجەت جەھەتتە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، ھەرقايسى جايلار غوللۇق داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى مائارىپ ئوقۇتۇشى ئەمەلىيىتى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىغا قويۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇشنى يېزىلارغىچە يەتكۈزۈش، تېما تەتقىقاتى قاتارلىق تۈرلۈك ئوقۇتۇش - تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
«بىز ھەرخىل تۈرنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئىجادچانلىققا، تەسىر كۈچكە ئىگە مائارىپچى تىپىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىۋاتىمىز، بارلىققا كەلتۈرۈۋاتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.
ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش سەھنىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەندىلا، ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى توپلىغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپچىلار روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شەرەپ كەلتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى، بارغانسېرى كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى.