تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ سانچېزغا پادىشاھ فىلىپ - 6گە يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ قويۇق ئالاقە قىلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ساقلاپ، يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتتى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مول ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جۇڭگو − ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش جۇڭگو ئۇزاق مەزگىل ئەمەلىيەت ئارقىلىق تېپىپ چىققان بىر توغرا تەرەققىيات يولى بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا ئارىلاشما كومىتېتى، پەن - تېخنىكا بىرلەشمە كومىتېتى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىدە تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىسپانىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن ھەققانىي، ئادىل، بىخەتەر، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىل ئوقۇتۇشى، ياشلار، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلق دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيەنىڭ بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش، دۇنياغا بەخت يارىتىش يۆنىلىشىنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىسپانىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن، جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئوخشاشلا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ، ھەممىسى كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە بىلەن يەرشارىنىڭ جەنۇبىغا يۈزلەنگەن 3 - تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

سانچېز پادىشاھ فىلىپ - 6نىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق بىلدۈردى: ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ، ئىسپانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئىسپانىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىسپانىيە تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا داۋالغۇش، توقۇنۇش، نامراتلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدايدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچ بولۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئىسپانىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن مۇئامىلە قىلىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىشىنىدىغان ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ، ئىسپانىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىسپانىيە تەرەپ ئەركىن سودا ۋە بازارنى ئېچىۋېتىش پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، سودا ئۇرۇشى قىلىشقا قوشۇلمايدۇ، داۋاملىق تۈردە ياۋروپا − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.