تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نورۋېگىيە باش ۋەزىرى سىتور بىلەن كۆرۈشتى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن نورۋېگىيە باش ۋەزىرى سىتور بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن نورۋېگىيە باش ۋەزىرى سىتور بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ سىتورغا پادىشاھ خارالد - 5كە يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، قىممەتلىك دوستلۇق ئورناتتى. جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ زىچ باغلانغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توغرا تاللاش - تاللىيالماسلىقىنى سىنىماقتا. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق مېڭىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا مۇقىملىق، ئېنىقلىق قوشۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىي مېلودىيە بولدى. تارىخىي تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشتا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇش، جۈملىدىن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىش. جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. ئىككى تەرەپ ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېشىل مۇھىت قوغداش، ئېنېرگىيەدە تىپ ئۆزگەرتىش، دېڭىز ئىشلىرى، سۇ تىرانسپورتى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى، توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، قىشلىق تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسى، بولۇپمۇ ياشلار ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىس جەھەتتە كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە، جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. نورۋېگىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سىتور رەئىس شى جىنپىڭغا پادىشاھ خارالد - 5نىڭ يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق بىلدۈردى: نورۋېگىيە ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. نورۋېگىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش شەكلىدە سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. نورۋېگىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى، ئۆزئارا ئۆگىنىشنى، ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۆگىنىشكە ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر بار. نورۋېگىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى، بولۇپمۇ يېشىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز ئىشلىرى، سۇ تىرانسپورتى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، سۇ مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن يەرشارىۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار بولغان زور خەلقئارا مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. نورۋېگىيە ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ.

ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتنى ئورتاق توپلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.