9-ئاينىڭ 5-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمگەك تەربىيەسى ئەمەلىيەت بازىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا قوناق تېرىش بىلىملىرىنى سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئاشلىقنىڭ مۇھىملىقىنى، ئاشلىقنى قەدىرلەش، ئاشلىقنى تېجەش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى
9-ئاينىڭ 9-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خوۋ چاۋرۇ (ئوتتۇرىدا) ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ قورۇسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. 2000-يىلى، جىڭ خۇيفاڭ قاتارلىق خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنى (ئەسلىدىكى خېبېي باۋدىڭ سىفەن تېخنىكومى)نى پۈتكۈزگەن 15 ئوقۇغۇچى چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللىدى، ئۇلار خۇددى يۇلغۇنغا ئوخشاش غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل كىشىلىك ھاياتىنى پۈتۈپ چىقماقتا. سۇ شىن فوتوسى
9-ئاينىڭ 6-كۈنى، كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ (خېبېي خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى) تولۇق 1-يىللىق 12-سىنىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خەن جىمېڭ ئوقۇغۇچىلارغا جۇغراپىيە دەرسى ئۆتمەكتە. بۇ يىل 8-ئايدا، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن 13 ئوقۇغۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كورلا شەھىرى، چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، خەن جىمېڭ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. خەن جۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا پۇتبول مەشىقى ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە مۇۋاپىق تەنتەربىيە چېنىقىش ۋاقتى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەم مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئارداق بېيسىقان فوتوسى
9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە دەرسىگە قاتناشماقتا. بۇ مەكتەپ كۆپ خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى تەنھەرىكەت جەريانىدا خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ۋەلى قېيۇم فوتوسى
9-ئاينىڭ 6-كۈنى، پوسكام ناھىيەلىك يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلار ئويۇن ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى يەسلى مائارىپى سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق «بالىلار مېھىرلىك تەربىيەلىنىدىغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. جاڭ يۈن فوتوسى
9-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى لى شۈيۇڭ (سولدا) بىلەن خىزمەتدىشى ۋېلىسىپىت مىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە ماڭماقتا. بۇ يىل 2-ئايدا، لى شۈيۇڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مائارىپ باشقۇرۇش ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە چۆچەك شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مائارىپقا ياردەم بېرىش ھاياتىنى باشلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
دەرەخ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئون يىل كېتىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈز يىل كېتىدۇ. شىنجاڭ تۇپرىقىدا، چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ئوقۇتقۇچىلار روھىنى تاۋلايدۇ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن چىن ھېسسىياتىنى مائارىپقا بېغىشلاپ، بالىلارنى گۈزەل كەلگۈسىگە يېتەكلەپ، تىيانشاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئوقۇغۇچى تەربىيەلىدى.
ئۇلار بىلىم يەتكۈزگۈچىلەر، شۇنداقلا بالىلارنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى. ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق تەلىم بېرىشى، يېتەكلىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۇلار خۇددى كۆچەتنى ئاسرىغاندەك، بالىلارغا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق ئىش قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بالىلارغا ئۆگىنىش جەريانىدا خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ، بالىلارنى خۇشاللىق ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەن بولۇپ، تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ تىيانشان ئېتىكىگە كېلىپ، مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى، بالىلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئوتتەك تەلپۈنۈشى بىلەن، بىپايان تۇپراققا ئۈمىد ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ كەلدى.
ئۇلارنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈشى ۋە تىرىشچانلىقى كىشىلەرگە ئۇلۇغ كۈچنى ھېس قىلدۇردى، كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز مۇمكىنچىلىكنى كۆرسىتىپ بەردى.
تىيانشاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەقەززاسى، شۇنداقلا ئۇلارغا قايتقان ئەڭ ياخشى جاۋاب. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىپ، ئەتە ئۈچۈن ئۈمىد كۈيىنى ياڭراتتى.
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى