تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى شىنجاڭ تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا خەۋىرى، فوتوسى) تورنىڭ چېكى يوق، بىخەتەرلىكنىڭ چېكى بار. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، 2024-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى شىنجاڭ تەشۋىقات پائالىيىتى كورلا شەھىرىدە باشلاندى.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ۋەكىللىرى «تور بىخەتەرلىكى تەشەببۇسنامىسى»نى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.

    پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «تور بىخەتەرلىكى خەلق ئۈچۈن، تور بىخەتەرلىكى خەلققە تايىنىدۇ» باش تېما قىلىنغان، پائالىيەتتە تور بىخەتەرلىكى بىلىملىرى تەشۋىق قىلىنىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تور بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە ماھارىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

    باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ تور ئەھلىگە «تور بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، توردىن مەدەنىي پايدىلىنىپ، توردا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىپ، ياخشى تور ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، توردىكى تىنچ، گۈزەل مەنىۋى ماكاننى بىرلىكتە قوغداش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى تور بىخەتەرلىكى توسۇقى قۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى تەرتىپىنى ئورتاق قوغداپ، تور بىخەتەرلىكىنىڭ  نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    پائالىيەتكە 100دىن ئارتۇق تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، توردىكى داڭلىق شەخس، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قوللىدى.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تەرەققىيات مۇزېيىنى ھەم بايىنغولىن ئوبلاستلىق تيەنيىيۈن ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كومپيۇتېر ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، 2024-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى شىنجاڭ تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، 2024-يىللىق «يىپەك يولىدا پىتنە-ئىغۋا قولغا چۈشۈرۈش خاتىرىسى» پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش ئەسەرلىرى ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 237 ئەسەر مۇكاپاتلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) تاللاپ ئەۋەتكەن «سۈرەتلىك ئەسەرياۋا ئات خاتىرىسى» 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كورلا شەھىرىنىڭ نەنخۇ باغچىسىغا جايلاشقان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تور بىخەتەرلىكى ئاساسىي تېما باغچىسىدا دۆلەت تور بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بىلىملەر قوللانمىسىنى ئالماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.