تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭدا بىر ساياھەت رايونى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ!

  چىڭگىداخۇ كۆلى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ

ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا

9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرى

چىڭگىداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن!

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى:

شى، شەھەرنىڭ

«مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن

چىڭگېداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ

بارلىق ساياھەتچىلەرگە قارىتا مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

مەنزىرە رايونىنى ئېچىش-تاقاش ۋاقتى

9:30-22:30غىچە

كىچىك پويىز چىڭگېداخۇ كۆلى ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدىكى نېلۇپەر گۈللىرى ئارىسىدىن ئۆتمەكتە.

لى خۇابېي فوتوسى


چىڭگىداخۇ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ

«گۈلنى ۋاسىتە قىلىش، گۈل بىلەن دوستلىشىش، گۈل بىلەن شان-شەرەپ قازىنىش» باش تېما قىلىنغان

ئۈچ گۈل، بىر قۇش ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلغان

 ئەتىيازدا كۈركۈم گۈلى بايرىمى، يازدا نېلۇپەر بايرىمى

كۈزدە قۇشلارنى تاماشا قىلىش بايرىمى، قىشتا قار-مۇز تەنتەربىيەسى ساياھەت بايرىمى بار

بۇ يىل 8-ئايدا

دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋېۋىسكىسى ئېسىلغان

ۋۇجياچۈ چىڭگېداخۇ كۆلى ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدىكى نېلۇپەر كۆلى (ماتېرىيال سۈرەت). 

مەنبە: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى


ئىگىلىنىشىچە

بۇ يىل چىڭگېداخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى چىڭخۇ يۈيۈەن باغچىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ

چىڭخۇ يۈيۈەن باغچىسىغا بىۋاسىتە بارىدىغان تېز سۈرئەتلىك كىرىش ئېغىزى ئېچىپ

ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە تاماشا قىلىش، سەيلە-ساياھەت قىلىش، ئىستىراھەت، ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت

«بىر يۈرۈش» مۇلازىمەتتىن بەھرلەندۈرگەن 

مەنبە: چىڭگېداخۇ كۆلى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى


 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

ۋۇجياچۈ شەھىرى مەۋقەنى ئۆزىگە خاس بايلىق مەنبەسىگە قويۇپ

 «ئۈچ بايرام تۆت مۇسابىقە»دىن ئىبارەت يەتتە ئىسىم كارتىسىنى «جۇلالاندۇرۇپ»

كۈركۈم گۈلى بايرىمى، نېلۇپەر بايرىمى، قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى

ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى

چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىپ توسالغۇدىن ئۆتۈش مۇسابىقىسى، يېرىم مۇساپىلىق مارافون يۈگۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى

شەكلى ھەر خىل، ئېسىل مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى نامايان قىلدى

ھەم مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ

ساياھەت بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ

 كەڭ ساياھەتچىلەر «شەھەر ئەتراپى سەيلىسى»دە

ئالدىن تاللايدىغان، جەزمەن بارىدىغان جايىغا ئايلاندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.