يېقىندا، ماناس ناھىيەسىنىڭ گۇاڭدۇڭدى يېزىسى يۈەنجياخۇ كەنتىدىكى گۈلسامساق ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دەستە-دەستە گۈلسامساق گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، سۇس خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇردى. 2021-يىلىدىن بۇيان، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پۇتيەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ماناس ناھىيەسىگە كىرگۈزۈپ، گۈلسامساق گۈلى ۋە ئۇرۇقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار: خۇ ۋېيجيې، گوۋ سەيشيا، خې چۈەنلۇڭ)
نۆۋەتتە، گۈلسامساق گۈللىرى ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئاھالە، ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ گۈل سەيلىسى قىلىشقا، گۈل ئۈزۈشكە جەلپ قىلدى.
ساياھەتچىلەر گۈلسامساق گۈلى ئۈزمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى