قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
ھازىر دەل ياڭاق پىشىدىغان پەسىل، دېھقانلارنىڭ ياڭاق ئۈزۈش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تېتىر يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، تەۋەلىك رايوندىكى ياڭاقلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاقلىرىنى يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى، قىزىل جىلىتكىلەرنى كىيگەن پىدائىيلار بىردەمدىلا ئېتىز بېشىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.
قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ياڭاق قاقماقتا. ئامىنەم مۇختەر فوتوسى
قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەيرىگۈل تۇردىنىڭ ياڭاقلىقىدا، پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار ياڭاق دەرىخى ئاستىدا خۇشال پاراڭلىشىپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كۆپچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتى تەرتىپلىك بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتاتتى، بەزىلىرى ئۇزۇن خادا كۆتۈرۈپ ياڭاق ياقسا، بەزىلىرى چېلەك-تاغارلارنى كۆتۈرۈپ ياڭاق تېرىۋاتاتتى، نەق مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە تولغانىدى.
خەيرىگۈل تۇردى مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ بەش مو ياڭاقلىقى بار، ئائىلىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچى ئاز، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى بىزنىڭ ياڭاق قېقىشىمىزغا ياردەم بەردى، مەن ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن».
تېتىر يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتى ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باشتىن-ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، پائالىيەت ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرگە كۈچ قوشۇپ، شۇ كەنتنىڭ تېز يىغىۋېلىش، تېز تېرىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، تەۋەلىك رايوندىكى كەنت ئاھالىلىرى، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.
قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بەختىيار مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەم ئامما بىلەن بولغان ئالاقىمىز چوڭقۇرلاشتى ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھى يېتىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز دېھقانلارغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك پىدائىيلار پائالىيەتلىرىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز».
ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تېتىر يېزىسى پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىشنى كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردىن باشلاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، ئىللىقلىققا تولغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىسى يېڭىئېرىق كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاق قاچىلىشىغا ياردەملەشتى. ئامىنەم مۇختەر فوتوسى
قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەزىمەتجان تۇردى مۇنداق دېدى: «تېتىر يېزىمىزنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 32 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، بىز ياڭاق پەرۋىش قىلىش-ئاسراشنى دائىملىق ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە يېزا ۋاسىتىچىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازار ئېچىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ياڭاقچىلىق كەسپىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى <قۇدرەتلىك> كۈچكە ئايلاندۇرىمىز». (ئىختىيارىي مۇخبىر ئامىنەم مۇختەر)