يېقىندا
شىنجاڭ قورغاس ناھىيەسىدە
بىر پىكاپ يول ئېغىزىغا كېلىپ
يېشىل چىراغدا نورمال ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا
ئوڭ تەرەپتىكى يولدىن تۇيۇقسىز بىر توكسىكلىت قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن
پىكاپ جىددىي تورمۇزلىغان بولسىمۇ
يەنىلا توكسىكلىت بىلەن سوقۇلۇشۇپ كەتكەن
توكسىكلىتقا مىنگەن ئىككى ئادەم
ئاسمان تاپىلاق بولۇپ يىقىلىپ چۈشكەن
ۋەقەدە پىكاپ بىلەن توكسىكلىت زىيانغا ئۇچرىغان
ھېلىمۇ ياخشى توكسىكلىتقا مىنگەن ئىككى ئادەم ئازراقلا يارىلانغان بولۇپ
ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن
قاتناش ساقچىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق
توكسىكلىتنىڭ نومۇر تاختىسى يوقلۇقىنى، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى
پىيادىلەر توغرا يولىدىن ماڭغاندا توكسىكلىتتىن چۈشۈپ ئىتتىرىپ ماڭمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى، شۇڭا تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتتى
قاتناش ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:
موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىدە ئادەمنى مۇداپىئە قىلىدىغان ئەسلىھە يوق دېيەرلىك
ناۋادا ھادىسە يۈز بەرسە
مىنگەنلەر تېخىمۇ ئاسان يارىلىنىدۇ
شۇڭا
موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مىنىپ يولغا چىققاندا ئېھتىياتچان بولۇپ
قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەسلىك
پىيادىلەر توغرا يولىدىن ماڭغاندا موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىتتىرىپ مېڭىش
موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن يول تالاشماسلىق كېرەك
تورداشلار مۇنداق دېدى: ھېلىمۇ ياخشى ئادەم بىرنېمە بولماپتۇ، كېلەر قېتىم قاتناش قانۇنىغا رىئايە قىلىڭ
ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا قائىدىگە رىئايە قىلىش كېرەك
چۈنكى شۇنداق قىلىش ھاياتنى قەدىرلىگەنلىك
ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولغانلىق بولىدۇ
يېشىل چىراغ كېلەر بىر قېتىمدا يەنە يانىدۇ
لېكىن ھايات پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ
سەپەرگە چىققۇچىلار
قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ قوماندانلىقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى
ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، سەپەرگە چىققاندا قانۇنغا رىئايە قىلىشى
ھاياتىنى دوغا تىكمەسلىكى كېرەك