− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، شۈ جۇاڭ، ۋاڭ پېڭ
«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى، بۇنىڭ ئاساسى مائارىپتا. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى مائارىپتا».
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش زور تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شامالدا يەلكەن چىقىرىپ جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش. يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە مەردانە قەدەم قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش −
«مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ»
ساپ ۋە سالقىن ھاۋالىق كۈز پەسلىدە، خۇنەن 1 ـ سىفەن شۆيۈەنى(چېڭنەن شۇيۈەن مەكتەپ رايونى)دىكى ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۈمىدكە تولغان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى.
مەكتەپ كۆرگەزمە زالىدا، كونا سۈرەتلەر ئوقۇغۇچىلارغا 100 يىل ئىلگىرىكى قىممەتلىك دەقىقىلەرنى نامايان قىلىپ تۇراتتى: ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە قالغاندا 1 ـ سىفەن شۆيۈەننىڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى يەنىلا «ئۈچ جەھەتتە تەربىيەلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش» «جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيە چېنىقىشى، خالىسانە ئەمگەك، دالا مانېۋىرى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، ئەتراپلىق يېتىلىش، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
2004 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، سىم ـ سىم باھار يامغۇرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي سۆز قىلدى: «دۆلىتىمىز نامرات، ئاجىز يىللاردا، ئەينى چاغدىكى بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلەر جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن مائارىپنى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ قارىغانىدى».
«ھازىر، دۇنيا يەنە 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ھازىرقى زاماندىكى ياش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ بىر ياخشى پۇرسەت. بۇ مەزگىلدە، بىزنىڭ ئورتاق ھالدا مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۈركۈملەپ ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تېخىمۇ زور مەسئۇلىيىتىمىز بار».
يىللار ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، دۆلىتىمىز زېمىنىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىشنى قەدىرلەشتەك ئەنئەنىسى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ھېسسىياتى تومۇرداش بولۇپ كەلدى.
2002 ـ يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى شى جىنپىڭ جىمېي داشۆگە بېرىپ ھال سورىدى، ھەم ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئوقۇتقۇچىسى ليۇ سۈيچىننى ئالاھىدە يوقلىدى.
ئەينى چاغدا، ليۇ سۈيچىن ئەر ـ خوتۇن جىمېي داشۆ دېڭىز قاتنىشى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسىنىڭ 4 ـ قەۋىتىدە تۇراتتى. شى جىنپىڭ پەلەمپەيدىن چىقىپ ئىشىكتىن كىرىپلا، گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، لېنتىغا: «مۇئەللىم بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ يېزىلغان ئىدى.
«رەھمەت سىزگە، ئەينى يىللاردىكى تەربىيەڭىز ۋە يېتىشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت» دېدى شى جىنپىڭ ليۇ سۈيچىننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ليۇ مۇئەللىم ۋە نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تەسىرلىنىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.
2019 ـ يىلى 4 ـ ئاي، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايروپىلانغا، پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ چۇڭچىڭ شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جۇڭيى يېزىسى خۇاشى كەنتىگە كەلدى.
تاغ يولى ئەگرى ـ بۈگرى، داۋانلىرى تىك، جىلغىلىرى چوڭقۇر ئىدى. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ئېگىز تاغ ئىچكىرىسىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاۋۋال جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى. تەنتەربىيە مەيدانىدا كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى؛ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا كىرىپ، تاماقخانا، ئاشخانىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، تازىلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىدى...
«ھەرقانچە جاپا تارتساقمۇ بالىلارنى جاپادا قويۇشقا بولمايدۇ، ھەرقانچە نامرات بولساقمۇ مائارىپنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. نامرات تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ تەربىيە ئېلىشىغا، بەختلىك، شادىمان ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەنىلىك ھەم چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغانىدى.
چوڭقۇر غەمخورلۇقنىڭ ئارقىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى بار.
ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالساق، مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، مائارىپ باشتىن ـ ئاخىر دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل.
گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆزەتتى −
«مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان سىياسىي تەدبىر قۇرۇلۇشى بولۇپ، خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە».
خەلقئارا چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى −
«بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، ئىختىساسلىقلار بارغانسېرى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك بايلىققا ئايلانماقتا، مائارىپنىڭ ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئورنى ۋە رولى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە».
ئۇلۇغۋار ئىشلاردا ئىختىساسلىقلار ئاساس؛ دەرەخ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئون يىل كېتىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈز يىل كېتىدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو قانداق مائارىپقا ئېھتىياجلىق؟ يېڭى دەۋردىكى مائارىپ قانداق ئىختىساسلىقلارنى چاقىرىدۇ؟
2014 ـ يىلى «1 ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىدىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى مىللەتلەر باشلانغۇچ مەكتىپىگە كەلدى.
«مەن 1959 ـ يىلى ئوقۇشقا كىرگەن، 1960 ـ يىلى پىيونېرلار ئەترىتىگە كىردىم، يېشىم سەل كىچىك بولغاچقا، تۇنجى تۈركۈمگە كىرەلمىدىم، شۇ چاغدا تېخى يىغلاپ كەتكەنىدىم. پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرگەندە يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىم ئېسىمدە.» «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇ بىر خىل شەرەپ».
پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا پىيونېرلار ئەترىتىگە كىرگەن ئەھۋالىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.
باش شۇجىنىڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدىكى ھېكايىسى نەق مەيداندىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماسلاشقان بولۇپ، گىرەلىشىپ كەتكەن ۋاقىت نۇقتىسىدا ئۆزئارا ئۈمىد كۈتتى ۋە ئۆزئارا ۋەدە بەردى.
«كەلگۈسىدە ئىز باسار بولىسىلەر! بۇنىڭغا ئىشەنچىڭلار بارمۇ؟»
«بار!» ساۋاقداشلار بىردەك جاراڭلىق جاۋاب بەردى.
كېيىنكى ئەۋلادلارغا بولغان سەمىمىي مېھىر ـ مۇھەببىتى ۋە ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە بولغان چوڭقۇر ئۈمىدىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى −
يېڭى دەۋردىكى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، «توققۇزدا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، مەكتەپلەردىكى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛
تۇنجى قېتىم مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ئېلىپ بېرىپ، قانداق مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىنى قانداق قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بايان قىلدى...
دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇستازلارنى قەدىرلەش كېرەك.
2016 ـ يىلى 9 ـ ئاي، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئانا مەكتىپى بېيجىڭ شەھەرلىك 1 ـ ئاۋغۇست مەكتىپىگە قايتىپ كەلدى.
ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتتى، ئەينى يىللاردىكى مۇئەللىملەرنىڭ چاچلىرى ئاقاردى؛ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى دوستلۇق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇسلىشىپ كەتمىدى.
قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئىككى قولىنى سۇنۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ قولىنى بىر ـ بىرلەپ چىڭ سىقتى. «ھەرقايسى مۇئەللىملەرنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئەينى يىللاردا مۇئەللىملەر بىزگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ھازىر ئويلىسام، بىر ئۆمۈر نەپكە ئېرىشىپتىمەن» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
بىر مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «سىز ھەمىشە مەكتەپنى، مۇئەللىملەرنى، ساۋاقداشلارنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ كەلدىڭىز.» يەنە بىر مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «سىز خەلققە بەخت ئېلىپ كەلدىڭىز».
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مۇئەللىملەر بىزنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى».
مۇئەللىملەر ھاياجانلانغان ھالدا، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۆزگەرمەپتۇ، يەنىلا شۇنداق «ئاق كۆڭۈل، ئاددىي ـ ساددا» ئىكەن، «ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن» دېدى.
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم مەكتەپ قورۇسىغا كىرىش، خەت ئەۋەتىپ ئەھۋال سوراش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى.
«قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈكۈش، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشتەك غايە ۋە ئېتىقاد، سۆز ـ ھەرىكەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان ئەخلاق ـ پەزىلەت، ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيەلەشتەك ئادەم تەربىيەلەش ئەقىل ـ پاراسىتى، تىرىشىپ ئۆگىنىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش پوزىتسىيەسى، ئوقۇتۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مېھرىبان قەلب، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك بۈيۈك ئەخلاق ئىنتىلىشى». 2023 ـ يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوغا خاس مائارىپچىلار روھىنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى.
ئىدىيەسى مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولدى، مېھىر ـ مۇھەببەت چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋاملاشتى.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى −
«قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ مائارىپىمىز سوتسىيالىزمغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار ۋە گۆر قازغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، <جۇڭگولۇق چىرايى بار، جۇڭگو قەلبى يوق، جۇڭگو ھېسسىياتى يوق، جۇڭگو پۇرىقى كەم> كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ھەرگىز بولمايدۇ! ئۇ مائارىپنىڭ مەغلۇبىيىتى» دەپ كۆرسەتتى.
«پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تۈپ كاپالەت قىلىش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشتە، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
«ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپە» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى مەكتەپلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى سەۋىيەسى، سىياسىي ئېڭى، ئەخلاق ـ پەزىلىتى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
...
بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەردە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، يولى، فاڭجېنى، پىرىنسىپى قاتارلىق تۈپ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر بايان قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە نەزەر بىلەن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، مائارىپنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
تۇتقا تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى، قەدەم مەزمۇت تاشلاندى −
«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ جان تومۇرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك»
2021 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى» تارقاتتى.
ئۇچىسىغا تولا يۇيۇلۇپ ئۆڭۈپ كەتكەن كۈل رەڭ كوپتىسىنى كىيىۋالغان، قولىغا مەلھەم دورا چاپلىۋالغان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ گۈيمېي ئاۋايلاپ ماڭغىنىچە ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىگە چىقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا قاراپ ماڭدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندا، كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق ۋە سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
نامرات تاغلىق رايوندىكى نەچچە مىڭ قىزنىڭ داشۆ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن بۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
جاڭ گۈيمېي نەچچە قېتىم ئۆكسۈپ يىغلاپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان <1 ـ ئىيۇل ئوردېنى>نى بىز 29 يولداشقا بەردى، بۇ شەرەپ ھەرقايسى سەپلەردە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىغا مەنسۇپ».
مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىك كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىك، مائارىپنى قولغا كەلتۈرگەندىلا ئاندىن كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مائارىپ سېپىدىكىلەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ جان تومۇرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.
روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشنى كۆزلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرى يېتىشتۈرۈلدى −
2022 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، جۇڭگو خەلق داشۆسى مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ 2020 ـ يىللىق ماگىستىرى ۋاڭ تۇڭتۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا بىر يېڭى «پارتىدىشى» _− باش شۇجى شى جىنپىڭنى بايقىدى.
ھەربىر ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىنىڭ قىلغان سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، يەنە «پارتىدىشى»نىڭ خاتىرىسىنى كۆردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزغىن مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ماھىيىتى داۋلى سۆزلەش بولۇپ، شەكىل ـ ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، داۋلىنى چوڭقۇر سۆزلەش، ئېنىق سۆزلەش، جانلىق سۆزلەش كېرەك، مۇئەللىملەر كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئەقىل ـ پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك».
ياش ـ ئۆسمۈرلۈك باسقۇچى كىشىلىك ھاياتتىكى «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى» بولۇپ، «كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇنجى تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىش» ئىنتايىن مۇھىم.
پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، دۆلىتىمىز ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپلەردە «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دەرسىنى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىپ، «چوڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس» قۇرۇلۇشى خىزمەت ئەندىزىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى.
ھەم دەرسنى ياخشى ئۆتۈشكە كۆڭۈل بۆلدى، ھەم كىمنىڭ دەرس ئۆتىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى.
1966 ـ يىلى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى − جياۋ يۈلۇ» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.
شۇ يىلى، شى جىنپىڭ 13 ياشتا ئىدى. نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، مەكتەپ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىياسەت دەرسى مۇئەللىمىم جياۋ يۈلۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلىگەندە نەچچە قېتىم ئۆكسۈپ يىغلاپ، بىر مەھەل سۆزلىيەلمەي قېلىپ، كۆزىنى توسۇۋېلىپ يىغلاپ كەتتى، بولۇپمۇ جياۋ يۈلۇنىڭ جىگەر راكى ئەڭ ئېغىرلاپ كەتكەن مەزگىلدە چىۋىق ئورۇندۇقنى تىرەپ تېشىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، مەن ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قالدىم».
«<تۆتكە ئىگە> ياخشى مۇئەللىم» «تۆت <يول باشلىغۇچى>» «تۆت بىرلىك» «بۈيۈك ئۇستاز»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى يېڭى دەۋردىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىغا يۈكسەك بۇرچ يۈكلىدى.
يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر، مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر قاتارلىق مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىش پىلانى، كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى قاتارلىقلار زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋج ئېلىپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.
دىققەت ئىستراتېگىيەلىك خۇسۇسىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى −
2024 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى ياۋ چىجىنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىپ ۋەتەنگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقىغا 20 يىل بولغان كۈن ئىدى.
5 ـ ئايدا، ياۋ چىجى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلدى.
ناھايىتى تېزلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ياۋ چىجىنى «كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بەرپا قىلىش»قا ئىلھاملاندۇردى.
سەمىمىي تاپشۇرۇق ياۋ چىجىنى ھاياجانلاندۇردى: «ئەگەر بىر جۈملە سۆز بىلەن بۇ 20 يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەم، شۇنى دېمەكچىمەنكى − ئەڭ ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدىم، گۈللەنگەن دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن».
ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە قارىتا يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى» «ئاساس پەنلەر بويىچە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ـ پەن مەركىزى قاتارلىق مۇھىم پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى يولغا قويۇشنى يادرو قىلغان ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورگانىك يۇغۇرۇشتا سۈرئەتنى تېزلىتىش... پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى چىڭ كۆزلىنىپ، مائارىپ ئارقىلىق پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچ ـ مەسئۇلىيىتى تولۇق نامايان قىلىندى.
«مەن بۇ يەردە شۇنداق جاكارلايمەنكى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ـ ئۆسمۈر ئەۋلادلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش ـ ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ».
2023 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، سان فىرانسىسكو. رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىدە بۇ سەمىمىي تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۆلىتىمىز تېخىمۇ چوڭ مائارىپ «دوستلار چەمبىرىكى»نى پىلانلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مائارىپ ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيا رەقەملىك مائارىپ يىغىنى قاتارلىق خەلقئارا يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ، لۇ بەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ياش ـ ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، قۇدرەتلىك تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى مۇھىم مائارىپ مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.
خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيتىلدى −
2023 ـ يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2024 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. كىشىلەر باش شۇجى بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىكى ئىللىق پەيت خاتىرىلەنگەن سۈرەتنىڭ باش شۇجىنىڭ ئارقىسىدىكى كىتاب جازىسىغا تىزىلغانلىقىنى بايقىدى.
ئۇ كۈنى، باش شۇجى مەكتەپنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانى، ئوقۇغۇچىلار دېھقانچىلىق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆپچىلىككە: «تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش كۆپرەك بولسا، <بودەك>لەر، <كۆزەينەكلىك>لەر ئازراق بولىدۇ» «ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاشلىقنى قەدىرلەيدىغان، تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئادەتنى كىچىكىڭلاردىن باشلاپ يېتىلدۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇڭلار» دەپ تاپىلىدى.
بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلغان روشەن ئاساسىي رېڭىنى نامايان قىلماقتا.
تەڭپۇڭ بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي خەلقنى قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتتى؛
جاھىل كېسەللىكلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مائارىپ باھالاش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپتىكى پايدا قوغلىشىش خاھىشى يەنىمۇ ئۆزگەرتىلدى؛
ئادىللىقنى قوغداش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىلمىي تاللايدىغان، نازارەتچىلىك كۈچلۈك بولغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇردى؛
يولنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ھەممە ئادەم ئۆگىنەلەيدىغان، ھەممە جايدا ئۆگىنەلەيدىغان، ھەر ۋاقىت ئۆگىنەلەيدىغان بولۇش تېز ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا؛
...
بۈگۈنكى جۇڭگودا، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەمدە سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن تىكلەندى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپتىن 498 مىڭ 300ى، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىدىن 291 مىليونى، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىدىن 18 مىليون 918 مىڭى بار بولدى، ھەر يىلى ئىقتىساد، جەمئىيەت ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا 11 مىليون داشۆ ئوقۇغۇچىسى تەربىيەلەپ بېرىلدى. يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى، ئالىي مائارىپ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئومۇملاشتۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى.
ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا، مۇساپە ھەسەن ـ ھۈسەندەك گۈزەل −
«مائارىپ كۈچى ئارقىلىق خەلق بەخت ـ سائادىتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مائارىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلىنى پۇختىلاش»
سىز جۇڭگولۇقمۇ؟ سىز جۇڭگونى سۆيەمسىز؟ سىز جۇڭگونىڭ ياخشى بولۇشىنى خالامسىز؟ 89 يىل بۇرۇنقى نەنكەي داشۆنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ بولىڭ قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىلنى يورۇتىدىغان «ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدا ئۈچ سوئال»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بوران ـ چاپقۇندا تەۋرىنىپ تۇرغان كونا جۇڭگودا، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچقانىدى.
2018 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا كۆپچىلىككە بۇ ھېكايىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ئۈچ سوئال تارىخنىڭ سوئالى، تېخىمۇ مۇھىمى دەۋرنىڭ سوئالى، كەلگۈسىنىڭ سوئالى، بىز ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سورىشىمىز، جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك!»
دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن مائارىپنى كۈچەيتىش كېرەك.
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2035 ـ يىلىغا بارغاندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش بۇرغىسى چېلىندى.
پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بەرپا قىلىپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىندى.
«مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىش بىر سىستېما خاراكتېرلىك ھالقىش ۋە سۈپەت ئۆزگىرىشى بولۇپ، جەزمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ نىشان قىلىش كېرەك.
سىچۇەن نەنچۇڭ، جيالىڭجياڭ دەرياسى بويىدا، جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئۆستۈرۈش باغچىسىدىكى چەيزە، شوخلا، لازىلارنىڭ ئەتراپى ئەمگەك قىلىۋاتقان كىچىك دوستلار بىلەن لىق تولغانىدى، بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇش ئۇرۇقى بالىلارنىڭ قەلبىدە بىخ سۈردى.
2024 ـ يىلى «1 ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ساۋاقداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كۆپچىلىكتىن «ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇش»نى ئۈمىد قىلدى.
كۆپ يىل ئىلگىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىشانلىق يار ـ يۆلەك بولۇشىدىن نەپكە ئېرىشكەن جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى تاغ قاپتىلىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەردىن تاغ ئېتىكىدىكى بىنالارغا كۆچتى. كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ مەكتەپكە ئۇل سېلىپ بەردى. جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ نامى دەل جېجياڭنىڭ ياردەم بېرىپ قۇرۇپ بەرگەن مېھىر ـ مۇھەببىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئۈچۈن قويۇلغان.
گۈلنى يىلتىزىدىن باشلاپ سۇغىرىش، ئادەمنى قەلبتىن باشلاپ تەربىيەلەش كېرەك. باش شۇجىغا خەت يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى تاڭ خەيلىڭ مۇنداق دېدى: «مەن داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، كەلگۈسىدە ئارزۇيۇمدىكىدەك داشۆدە ئوقۇپ، يۇرتۇمغا قايتىپ مۇئەللىم بولۇپ، بۇ بەختنى باشقىلارغا يەتكۈزىمەن».
پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى جەزمەن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياراملىق بولۇپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىزباسارلىرى بار بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يادرولۇق فۇنكسىيە قىلىش كېرەك.
«ئەڭ چوڭ بولۇشنى تەلەپ قىلماي، بەلكى ئەڭ ئەلا بولۇشنى تەلەپ قىلىش، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك».
مىنجياڭ شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى تاش ئابىدىدىكى 16 خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە مىنجياڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەندە ئوتتۇرىغا قويغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى، شۇنداقلا مىنجياڭ شۆيۈەنى ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەن مەكتەپ باشقۇرۇش يېتەكچى ئىدىيەسى ئىدى.
2021 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، «پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى» بۇ يەرگە قايتا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مىنجياڭ شۆيۈەنىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مەكتەپتىن «ئەمەلىي تېخنىكا تىپىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ كەسىپ تەسىس قىلىش، ياخشى ئاساس سېلىش»نى تەلەپ قىلدى.
ھازىرقى دەۋردە، پەن ـ تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ، مائارىپ بۇ ئۈچىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن ۋە ۋاسىتىگە ئايلاندى.
دىققەتنى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلىم ـ پەن مائارىپى، قۇرۇلۇش مائارىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلىرى ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە قارىتا، ئالىي مائارىپتا پەن ـ كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش؛ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ـ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، ھۈنەر ـ سەنئەت ماھىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش...
دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش چۆرىدىلىپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى پۇختا قەدەمدە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچى كۈنسېرى ئاشۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىختىساسلىقلار مۇھىم ئامىلى ۋە پەن ـ مائارىپ بايلىقى مۇجەسسەملەنمەكتە.
مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، ئەڭ ئاخىرقى نىشان خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش.
لەنجوۋ داشۆنىڭ مۇدىرى يەن چۇنخۇا ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئاشۇ باھارنى ئۇنتۇمىدى.
2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 ـ يىغىنىنىڭ تېببىي دورا، سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، يەن چۇنخۇا سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ ئالىي مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق «كەمتۈكلۈك»ىنى تولۇقلاش تەكلىپىنى بەرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلاپلا سۆز قىلدى.
«مائارىپ تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» «بىز ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، مائارىپتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىقنى ھەل قىلىش ئارقىلىق باشقا جەھەتلەردىكى تەڭپۇڭ بولماسلىقنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».
باش شۇجىنىڭ سۆزى يەن چۇنخۇانىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەر ئىدى.
مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە قەدەم قويۇشتا، مائارىپتىكى «سان» مەسىلىسى «سۈپەت»تىكى زىددىيەتكە ئۆزگىرىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى «ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش»تىن «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»قا ئۆزگىرىدۇ.
«تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش» − بۇ، خەلقنى مەركەز قىلغان مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدە.
مائارىپ بايلىقىنىڭ رايونلارغا تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاپ، نوپۇس ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشقان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى سۈپەتلىك، باراۋەر ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقسىز مائارىپ دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم؛ يەسلى مائارىپى ۋە ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مائارىپقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك... پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغاندا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن جەزمەن ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
مائارىپ كۈچى ئارقىلىق خەلق بەخت ـ سائادىتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، مائارىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىنى چوقۇم بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)