تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى  ئاپتونوم رايونىمىزدىن بىر ئوقۇتقۇچى تاللاندى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شۆيۈەن باشلىقى، پىروفېسسور ۋاڭ شۆلى تاللاندى.

     ۋاڭ شۆلى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە پەن ئوقۇتۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل يىلتىز تارتقان، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان 36 يىلدىن بۇيان، ئۇ قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېكايە ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تۇتقا قىلىپ، «مىسال ئارقىلىق يېتەكلەش، مەسىلىنى يادرو قىلىش»تىن ئىبارەت ئىزدىنىش شەكلىدىكى مەخسۇس تېمىلىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇشقا باھا بەرگەندە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق بىلدۈردى: «ۋاڭ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىمىز، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇ ئۆگەتكەن ئادەم بولۇش پىرىنسىپى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قىممەت يۆنىلىشىگە قەتئىي ئىشەندۇق».

     يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ۋاڭ شۆلى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، بۇ مەكتەپنىڭ ماركسىزم شۆيۈەنى تەتقىق قىلىپ ئاچقان «بىر تور ئارقىلىق چوڭقۇر رىشتە باغلاش» ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مەكتەپلەر ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە پەن ئوقۇتۇشى كۆچمە ئۆگىنىش سۇپىسىنى تايانچ قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئىدىيەۋى-سىياسىي ئوقۇتۇشىدا سەرخىل دەرسلىك بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك دەرسلىكلەردە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندى قاتارلىق 12 تېمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، ئون مەخسۇس ئەسەر، دەرسلىكنى باش بولۇپ تۈزۈپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي پەن ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئىدىيەۋى-سىياسىي پەن ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچى قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

     «مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىسى بولۇپ تاللانغانلىقىم ھەم تۈرتكە، ھەم مەسئۇلىيەت». ۋاڭ شۆلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنىڭ مايىل قىلىش كۈچى ۋە قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرستىن ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشتىكى ئەقىل-پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدىغان ئىدىيەۋى كۈچكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.