تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جىڭنىڭ قىزىل ئالقات كەسپىدە يېشىل تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يىگۇاڭ

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ ئوشاقباي غەربىي كەنتىدىكى بىر پارچە ئالقاتلىققا كىرگىنىمىزدە، قىزىل ھېقىققا ئوخشاش ئالقاتلارنى شېخى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى، كۈزلۈك ئالقاتلار يىغىۋېلىش پەسلىگە كىرىش ئالدىدا تۇراتتى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جىڭ ئالقىتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە خاس يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زامانىۋى تېخنىكا ۋە زامانىۋى باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى سىجىل كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت، كارخانا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئالقات كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى.

باشقۇرۇش ئەندىزىسى جەھەتتە، جىڭ ناھىيەسى مەركەزلىك تۇتاش ئۆستۈرۈش، ئالقاتنى يېشىل، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئورۇن بېكىتمىسى پىكىر يولىنى قوللىنىپ، 2022 - يىلىدىن باشلاپ، ئالقات ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا «بەش بىرتۇتاش بولۇش» بويىچە باشقۇرۇشنى، يەنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەش، تېخنىكا جەھەتتىن بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، سۈپەتنى بىرتۇتاش تەكشۈرۈش، بىرتۇتاش سېتىۋېلىش - سېتىشنى يولغا قويۇپ، ئالقاتنىڭ ھەممىسىنى يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ، مەنبەدىن يېشىل، بىخەتەر مەھسۇلات بەرپا قىلدى.

جىڭ ناھىيەلىك ئالقات كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ يۈلىڭ مۇنداق دېدى: «جىڭ ناھىيەلىك ئالقات كەسپى تەرەققىيات مەركىزى مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇپ، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتە بىيودورا ۋە قالدۇقى ئاز دورىلارنى نۇقتىلىق ئىشلىتىپ، ئورگانىك ئوغۇت ئارقىلىق تۇپراقنى ياخشىلاپ، ئالقاتنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىنى ياخشىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالقات بىيودورىلىرى ۋە بىيوئورگانىك ئوغۇتىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى يوق بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزدى».

كارخانا زامانىۋى تېخنىكىنى كىرگۈزۈش جەھەتتە، شىنجاڭ چىمىڭشىڭ ئالقات كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ۋاكۇئۇملۇق پۇلساتسىيەلىك قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزۈپ، «توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان ئالقات» ئىشلەپچىقاردى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ دۇڭدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ تېخنىكا ئالقاتنىڭ تەمى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ، ھەربىر تال <توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان ئالقات>نىڭ يېڭى ئۈزگەندەك يېڭى، دانلىق، تەملىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ».

شىركەت يەنە ئالقات ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش، ئالاقە تورىدا سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيى قۇرۇپ، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى. بۇ يىل 2000 توننىغا يېقىن ئالقات مېۋىسى سېتىۋېلىپ، ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتتى.

نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسى ئالقاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن يەتتىنى قۇرۇپ، پەن تەتقىقات تۈرىدىن 80نى يولغا قويۇپ، ئالقات كەسپىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 105 تۈردە پاتېنتقا ئېرىشتى، 20 خىلدىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، ئالقات يەرلىك ئۆلچىمىدىن 15نى تۈزۈپ، 32 تۈرلۈك يېڭى تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۇرغۇزدى.

ھۆكۈمەت داڭلىق ماركىلارنى قوغداش ۋە سىياسەت، قانۇن - نىزام جەھەتتە سىجىل كۈچىدى. جىڭ ناھىيەسى داڭلىق ماركىلىق ئالقات قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «جىڭ ئالقىتى» رايون ئاممىۋى ماركىسىنى پىلانلاشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ئالقات كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» ئالقاتنى سىياسەت، قانۇن - نىزام سىستېمىسى ۋە قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جىڭ ئالقىتى جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتىنى قوغداش ھەم دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئىلتىماس قىلىندى ھەم تەستىقلاشقا ئېرىشتى.

ھازىرغىچە، ناھىيە بويىچە 14 كارخانا ھەم تىجارەتچى «جىڭ ئالقىتى» جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى، ئون كارخانا جۇغراپىيەلىك بەلگە مەخسۇس بەلگىسىگە ئېرىشتى.

«ھازىر، جىڭ ناھىيەسىدىكى ئالقات ئۆستۈرگەن دېھقانلارنىڭ قولىدا ساقلانما ئالقات يوق، ئۇلار بىۋاسىتە بازارغا يۈزلەنمەيدۇ، سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەتلەر تولۇق سېتىۋالىدۇ ۋە ساتىدۇ، بۇ، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى يادرونىڭ يادروسى، ئاچقۇچنىڭ ئاچقۇچى.» جىڭ ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى چى يىنخې مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جىڭ ئالقات كەسپى مەھسۇلات كونترول قىلىشنى يادرو قىلىپ، زامانىۋى تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى كىرگۈزۈپ، سۈپەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بازار ئېچىپ، كەسىپنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.