تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

داغدام يولدا بىللە ماڭغاندا جاھان كېڭىيىدۇ

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئالتۇن كۈزدىكى 9 - ئايدا، ئاسمان كۆپكۆك ئىدى، بېيجىڭ يەنە بىر قېتىم «جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى ۋاقتى»نى كۈتۈۋالدى.

تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئافرىقىدىكى 53 دۆلەت ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى بىلەن بىللە شامالدا جەۋلان قىلىپ، دوستلۇقنى ئىزاھلاپ، ئارزۇنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتماقتا ئىدى.

2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار بىلەن خەلق سارىيىدا چىن ھېسسىياتتا جەم بولدى.

بەش كۈن ۋاقىتتا، 50 مەيدانغا يېقىن قوش ۋە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى بىر يېڭى ئابىدىنى تىكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى «يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ۋاقتى» بەلگىسىنى سالدى.

نىشانى بىردەك بولغانلار يوللارنى يىراق كۆرمەيدۇ؛ سىرداشلارغا 10 مىڭ چاقىرىم ئارىلىقمۇ يىراق بىلىنمەيدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى ۋە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئافرىقا خەلقى ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىمەكتە.

قەيەردە ھەقىقەت بولسا، جاھاندىكى كىشىلەر شۇياققا تەلپۈنىدۇ

«كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقىدىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت قاتلىمىغا كۆتۈرۈش، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن!»

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. 20 نەچچە مىنۇت ئىچىدە، 16 قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

سۆز ئاخىرلاشقاندا، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ 3200دىن ئارتۇق كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئالقىش ياڭرىتىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇق چوڭ ئائىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم چوڭ جەم بولۇشىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش −

بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى 2006 - يىلىدىكى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى، 2015 - يىلىدىكى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى، 2018 - يىلىدىكى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى تارىخىدىكى 4 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى، شۇنداقلا جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، چەت ئەل رەھبەرلىرى ئەڭ كۆپ قاتناشقان ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ يىراقتىن كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

بۇ «پۈتۈن ئائىلە سۈرىتى»دە، رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن يانمۇيان تۇردى. ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدىكى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىن بەلگىسى بولغان «چىڭ سىقىلغان قول» جۇڭگو − ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ تۇرىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.

يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەنلەردىن ھەم كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ساسسۇ، جىبۇتى زۇڭتۇڭى جىلە، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ قاتارلىق ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان كونا دوستلار بار، ھەم مالى زۇڭتۇڭى گوئىتا، سېنېگال زۇڭتۇڭى فايې، چاد زۇڭتۇڭى مۇھەممەد قاتارلىق دۆلەت باشلىقى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان يېڭى دوستلار بار. بوتسۋانا زۇڭتۇڭى ماسىسى، نامبىيە زۇڭتۇڭى مۇبېمبا ئۆز دۆلەتلىرى مۇھىم سىياسىي قارالمىغا دۇچ كەلگەن پەيتتىمۇ، يەنىلا ئالايىتەن جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشتى.

جۇڭگونىڭ تەكلىپىگە ئاۋاز قوشقۇچىلار توپلاندى. بۇنداق «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نىڭ ئۆزى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا بولغان ئەڭ سەمىمىي قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش.

ئالقىش ياڭرىتىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئېلىپ يۈكسىلىشىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش −

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

«جەنۇبىي ئافرىقا مەن ئەڭ كۆپ زىيارەتتە بولغان ئافرىقا دۆلىتى، سىز بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، مەن كۈتۈۋالغان جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۇنجى ئافرىقا دۆلىتى باشلىقى.» رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ۋە بىزنىڭ دوستلۇق رىشتىمىزنى نامايان قىلدى».

ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلارنىڭ ئالاھىدە مۇھەببىتى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتتى.

بۇلتۇر 8 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

ساھىبخانا رامافۇسا زۇڭتۇڭنىڭ خىزمىتى تولىمۇ ئالدىراش ئىدى، لېكىن ئۇ: رەئىس شى جىنپىڭ كەلسىلا، ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرىمەن، دېدى. جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى شۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە جەنۇبىي ئافرىقا ئورۇنلاشتۇرغان بىردىنبىر بىر مەيدان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇپ قالدى. دەل شۇ قېتىمقى جەنۇبىي ئافرىقا سەپىرى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ 2024 - يىلى جۇڭگودا كېيىنكى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، قارشى ئېلىش زىياپىتىدىكى قەدەھ سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق ئەسلەپ ئۆتتى: «مەن ئىلگىرى ئون قېتىم ئافرىقىدا زىيارەتتە بولدۇم، شۇنداقلا نۇرغۇن ئافرىقا دۆلىتى رەھبىرىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋالدىم. ھەر قېتىم ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن كۆرۈشكەندە، تولىمۇ يېقىنلىق ھېس قىلىمەن...»

2013 - يىلى، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىمقى زىيارىتىدە ئافرىقىنى تاللاپ، ئافرىقىغا قارىتا چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسىنى ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە سۈرئەتنى تېزلىتىشكە يېتەكلىدى.

2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە بەش قېتىم ئافرىقىدا زىيارەتتە بولدى، ئىككى قېتىم جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو − ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو − ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەتلىشىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جۇڭگو − ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىنى خۇلاسىلەپ، تاۋلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزى پىلانلىدى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن قەلبداش بولۇپ، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن قالتىس دەقىقىلەرنى ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى.

كومورو غەربىي ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلەت، جۇڭگو كومورو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت.

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە كومورودا قىزغىن قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ كومورو تەرەپ بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كومورو خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو - كومورو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان <تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى>نى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ».

بۇ يىل 7 - ئايدا، جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىۋىنېيە بىسسائۇ زۇڭتۇڭى ئېمبالو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ دۆلەت شېئىرىنىڭ تېكىستىنى دۆلەت ئاتىسى كابرال يازغانلىقىنى، جۇڭگولۇق كومپوزىتور شياۋ خې نوتىغا سالغانلىقىنى ئالايىتەن تىلغا ئالدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىش تارىخىدىكى بىر بۆلەك ئېسىل داستان، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ دەلىلى.

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، زۇڭتۇڭ ئېمبالو يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن جاۋاب قايتۇردى: «جۇڭگولۇقلار بىزنىڭ دۆلەت شېئىرىمىزنى نوتىغا سېلىپ بەردى، بىز دۆلەت ئاتىسىنى تىلغا ئالغاندىمۇ جۇڭگونى ئەسكە ئالىمىز. گىۋىنېيە بىسسائۇ مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى بولىدۇ».

باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئافرىقا تەرەپنىڭ كۆپلىگەن رەھبەرلىرى تەبرىك سۆزى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئالايىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېنىغا كېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىدەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى...

ئالقىش ياڭرىتىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش −

70 يىلغا يېقىن تىرىشىپ ئەجىر قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. قۇرۇلغىنىغا 24 يىل بولغان جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىمۇ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتى.

قارشى ئېلىش زىياپىتى، ئېچىلىش مۇراسىمى، تۆت مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ۋە 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئافرىقا كارخانىچىلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلەردىن، جۇڭگو − ئافرىقا رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى زىچ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىغىچە، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، جۇڭگو − ئافرىقا «باشلىقلار يىغىنى ھەپتىلىكى»نىڭ كۈنتەرتىپى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن جەمئىي 160 نەچچە مەيدان ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە؛ خەلقئارا جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قەتئىي قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى نامايان قىلغان «بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى»دىن، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىكى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق يول خەرىتىسىنى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن «جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى (2025 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)»... باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسى مول بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

كۆكسى - قارنى كەڭ بولسا كۆپچىلىكنى سىغدۇرالايدۇ، ئەخلاق - پەزىلىتى ئالىيجاناب ئادەمنى باشقىلار ئۇزاققىچە ئۇنتۇمايدۇ.

جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى سۆزلىشىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق بەرپا قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى، ھاياتىي كۈچكە تولغان رەھبەرلىك ئىقتىدارى ھەمدە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن» دېدى سېنېگال زۇڭتۇڭى فايې.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنى ۋە <ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى>نى ئېلان قىلىشى ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىغا پايدىلىق.» تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «<جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئاخىرلاشمايدۇ، پەقەت داۋاملىشىدۇ>».

داغدام يولدا مېڭىش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش

«2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو − ئافرىقا خەلقلىرى بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولسىلا، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ».

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا تەرەپ ھەم خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

مېھمان ۋە ساھىبخانا خۇشال جەم بولۇپ، قەدەھ كۆتۈرۈپ بىرلىكتە تەبرىكلەپ، جۇڭگو − ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالقىش ياڭراتتى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ گۈزەل مەنزىلىگە بەخت تىلىدى.

تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى؛ زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئارزۇنى رېئاللىققا تۇتاشتۇرىدىغان مۇقەررەر يول. بۇ يولدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا چوڭ قەدەمدە ئالغا بېسىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان تارىخىي ماسلىشىشقا ۋارىسلىق قىلىش −

«جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى جانلاندۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ شەرقىي ئافرىقا تۆمۈريول - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خالايدۇ».

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان، زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن «تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى جانلاندۇرۇش تۈرى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالاشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىمزالاش مۇراسىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ خاسان ۋە زۇڭتۇڭ خىچىلېما بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەمىمىي كۆرۈشتى. ئۈچ رەھبەر جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇق تارىخىغا قايتا نەزەر سېلىپ، تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تىلغا ئېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

زامان - ماكاندىن ھالقىپ، تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.

سودا كېمىلىرى مېڭىپ تۇرىدىغان، سودىگەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان قەدىمىي يىپەك يولىدا، بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش؛ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈرەش يىللىرىدا، بىر - بىرىنى قوللاش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش؛ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت گۈللەندۈرۈش يولىدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش...

«زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، بىرمۇ دۆلەت سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ».

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق باشتىن - ئاخىر مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە.

ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئەمەلىيەتچىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى نامايان قىلىش −

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋېرا بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندا، چاكۋېرا شى جۇشىغا ئالايىتەن تەييارلىغان «مالاۋىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يولى − جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىساد ساھەسىنىڭ پۇرسىتى» ناملىق كىتابچىنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىپ، شى جۇشىغا مالاۋى - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى قىزغىن تونۇشتۇردى.

«بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى مۇزاكىرىمىزنىڭ تېزرەك نەتىجىگە ئايلىنىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن» دېدى چاكۋېرا. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - مالاۋى دوستانە ھەمكارلىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئەمەلىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى تەنتەنىلىك ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش ھەرىكىتى، سودىنى گۈللەندۈرۈش ھەمراھلىرىدىن بولۇش ھەرىكىتى، كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھىلىق ھەرىكىتىدىن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمراھىلىق ھەرىكىتى، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ھەمراھىلىق ھەرىكىتى، سەھىيە - ساغلاملىق ھەمراھىلىق ھەرىكىتىگىچە، يەنە يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەمراھىلىق ھەرىكىتى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ھەمراھىلىق ھەرىكىتى، يېشىل تەرەققىيات ھەمراھىلىق ھەرىكىتى ۋە خەۋپسىزلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمراھىلىق ھەرىكىتىگىچە بولغان بىر قاتار ئەمەلىي، ھەقىقىي تەدبىرلەر جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مۇنبەر ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى «جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

قالتىس كىشىلەر قۇرۇق سۆلەتنى قوغلاشمايدۇ، تەربىيە كۆرگەنلەر ئەمەلىيەتچىل بولىدۇ.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن تاشيول، 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈريول، 1000غا يېقىن كۆۋرۈك، 100گە يېقىن پورتنى يېڭىدىن ياساپ بەرگەن ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن؛ ئافرىقىدىكى ئاساسەن بارلىق دۆلەتلەرگە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئافرىقا خەلق ئاممىسىنى تەخمىنەن 230 مىليون ئادەم قېتىم دىياگنوز قويۇپ داۋالىغان؛ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىلا، جۇڭگو كارخانىلىرى ئافرىقا ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئىش ئورنى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئاشقان... جۇڭگولۇق ئىشچىلار، دوختۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، پىدائىيلار قاتارلىقلار ئافرىقىدىكى قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئەجىر قىلدى، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇش −

«جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ <مەنىسى> جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئافرىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.» 2015 - يىلى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شۇنداق تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىمقى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» كېرەك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاياغ ئوخشاش بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، پۇتقا توغرا كەلسىلا كۇپايە؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مۇھىمى خەلققە پايدىلىق بولسىلا كۇپايە.

مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئارقىلىق 1 - قېتىملىق ئويغىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئاتلىنىشنىڭ يېڭى ئويغىنىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزگىچە ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈلگە، ئۆرنەك ۋە يېپيېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.

2018 - يىلى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى توۋادېرا ئىلگىرى شەنشىنىڭ لياڭجياخې كەنتىگە زىيارەتكە كېلىپ، شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەن. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئۇ يەنە شەندۇڭ، چۇڭچىڭ، تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئېچىش تەجرىبىسى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدەندى. 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، توۋادېرا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىدىيە - تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشنى خالايمەن».

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق چاقىرىق قىلدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى، ئېچىۋېتىلگەن، تەڭ نەپ ئالىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى، كۆپ مەنبەلىك سىغدۇرۇشچان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى، ئېكولوگىيە سۆيەر زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى، تىنچ، بىخەتەر بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

قول تۇتۇشۇپ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش.

مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش ھەرىكىتى رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى» ئىچىدە باش ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا تەرەققىياتى بىلىم تورى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... جۇڭگو − ئافرىقا مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

تارىختا، غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى ئىلگىرى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىغا ئورتاق ئىنتىلىش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، دۇنياغا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئىشەنچ بىلەن جاكارلىدى.

ئېجىل - ئىناقلىقنى كۆزلەش، ئەتىگە يۈزلىنىش

«سىز جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ياخشى دوستى، ھەقىقىي دوستى.» 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سەمىمىي كىرىش سۆز جۇڭگو بىلەن زىمبابۋېنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان جۇغلىغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى نامايان قىلدى −

«زۇڭتۇڭ ئەپەندى بۇ قېتىم نەنجىڭدە زىيارەتتە بولۇپ، 60 يىل ئىلگىرى جۇڭگودا ھەربىي مەشىق قىلغان جايغا قايتىدىن كەلدىڭىز، بۇ، سىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس رىشتىڭىز بولۇپلا قالماي، يەنە بۇنىڭغا جۇڭگو بىلەن زىمبابۋېنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان تارىخىي ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى نامايان قىلدى».

زۇڭتۇڭ منانگاگۋا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ۋە خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغانلىقىمدىن، شاۋشەنگە بارغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم. ماۋ جۇشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك زات، ئۇ پارتىيەمىزنى زىمبابۋېنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغانىدى. مەن يەنە نەنجىڭغا باردىم، بولۇپمۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق شۆيۈەنىنى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت قىلدىم، بۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇددى ئۆيگە قايتقاندەك تۇيۇلدى».

جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ، ئورتاق تارىخىي كەچۈرمىش، ئورتاق تەرەققىيات ۋەزىپىسى، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ئىككى تەرەپنى زىچ باغلىدى.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىق، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش بىلەن بىللە، مۇرەككەپ، كەسكىن يەرشارىۋى خىرىسقا دۇچ كەلدى.

«خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.» باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئافرىقا «دائىملىق» دوستلۇقىنىڭ چىن مەنىسىنى مۇشۇنداق چۈشەندۈردى.

ئورتاق بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە جۇڭگونى ئافرىقىنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى تەلىپىنى تېخىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −

«تانزانىيە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قارىتىلغان سىياسىتى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلىنغان جاي. 2013 - يىلى، مەن تانزانىيەدە ئافرىقىغا قارىتا چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.» 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3 - ئايدا، جۇڭگو − ئافرىقا ئالىملىرى تانزانىيەدە «جۇڭگو − ئافرىقا دارېسسالام ئورتاق تونۇشى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىدىيە ئورتاق تونۇشىنى نامايان قىلدى.

«جۇڭگو − ئافرىقا دارېسسالام ئورتاق تونۇشى»دا: تەرەققىيات يولىنى تاللاشتا مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش تەكىتلەندى، بۇ، جۇڭگو − ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنىڭ نامايەندىسى.

ھازىر، جۇڭگو ۋە ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بېغىشلىماقتا.

ئافرىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئوخشاش بىر ئاۋازدا سۆز قىلىشىنى قوللاشتىن، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى باشلامچىلىق بىلەن قوللاشقىچە، ئاندىن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا «ئالتە زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم جاكارلىشى ۋە تەشەببۇسى ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەردى.

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېدى: «تارىختا، ئافرىقا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى. جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئافرىقا ئۇچرىغان تارىخىي ئادالەتسىزلىكنى ئازايتىشقا پايدىلىق، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ».

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن ئېرىترېيە زۇڭتۇڭى ئىساياس چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇستەملىكىچىلىك، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارادا باراۋەرلىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ».

مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەش كەچۈرمىشى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىق قەدىمىنى تېخىمۇ ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −

«ئوخشاش بىر پىلانېتتا تۇرۇپ، ئوخشاش بىر ئاسمانغا قارايمىز. يىراق ۋە يېقىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى؛ سىز بىلەن مەن تەقدىرداش...» 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتىكى قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىكى ئۆسمۈر بالىلار قول تۇتۇشۇپ سەھنىگە چىقىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تەقدىرداش بولۇشى ئۈچۈن ياڭراق ئاۋازدا ناخشا ئېيتتى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بالىلار ئۈچۈن قىزغىن چاۋاك چالدى.

ياڭراق ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ، سەھنە ئاساسىي ئېكرانىدا جۇڭگونىڭ 50 نەچچە ئافرىقا دۆلىتى بىلەن بولغان بەلگە خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تۈرلىرى تەرتىپ بويىچە نامايان بولدى. ھەربىر تۈرنىڭ كۆرۈنۈشى ئىكراندا كۆرۈنگەندە، نەق مەيداندا ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى.

جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىغا تايىنىپ، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تاشيول، تۆمۈريول، مەكتەپ، دوختۇرخانا، سانائەت باغچە رايونى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدە باشتىن - ئاخىر جۇڭگو − ئافرىقا خەلقى ئورتاق كېڭىشىدۇ، ئورتاق قۇرىدۇ، ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئۈمىد جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنى يېڭى مۇساپىدە قەتئىي قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى يامرىغان پەيتتە، سىز جۇڭگو ۋاكسىنىسىغا ئىشەنچ بېلىتى تاشلىدىڭىز. سېيشېل ئاپەت سەۋەبىدىن جىددىي ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ياردەم قولىنى سۇندى.» 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سېيشېل زۇڭتۇڭى رامكالاۋان بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن سېيشېل ئىككى دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«جۇڭگو ۋاكسىنىسىنىڭ پايدىسىدا، سېيشېل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى بىرقەدەر تېز يېڭىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.» زۇڭتۇڭ رامكالاۋان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سېيشېل تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە تەشەببۇسىغا قايىل، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىنىڭ ھەقىقىي دوستى بولۇشنى خالايدۇ.

ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتقان يەرشارىۋى خىرىس ئالدىدا، كەڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى بارغانسېرى قەلبتىن ئېتىراپ قىلماقتا.

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى. قوشما بايانات شەكلى ئارقىلىق ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن رىۋاندا تەرەپنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

«گەرچە ئالدى تەرەپتە تۈرلۈك ئېنىقسىزلىق، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ.» باش كاتىپ گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ دۇنياۋى مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى، «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت ئورتاق ئولتۇرغان بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن، جۇڭگو − ئافرىقا بىردەك ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ باشلامچىلىرى.

يېڭىچە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگىچە، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى سىجىل بېيىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىكى 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى داۋامىدا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

ئەنئەنىۋى دوستلۇقتا يىلتىز تارتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا نامايان بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا زورايدى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو − ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىشى جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ.

(مۇخبىرلار: ياڭ يىجۈن، دىڭ شياۋشى، جېڭ مىڭدا، جۇ چاۋ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.