تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​كۈچ تەشكىللەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

شى جىنپىڭ خەينەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى​

كۈچ تەشكىللەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

​لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى بۇ يىلقى 11 - نومۇرلۇق ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «موجيې» 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 16دىن 20 مىنۇت، 22دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەينەننىڭ ۋېنچاڭ شەھىرى، گۇاڭدۇڭنىڭ شۈۋېن ناھىيەسىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلدى، نۇرغۇن ئابۇنىچىنىڭ ئېلېكتىر توكى، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى. 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 12گىچە، ئاپەت خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 227 مىڭ ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۈچ ئادەم ئۆلدى، 95 ئادەم يارىلاندى.

ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «موجيې»نىڭ تەسىرىدە، خەينەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلار ئېغىر ئاپەتكە ئۇچراپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە زور مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچ تەشكىللەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. زىيانغا ئۇچرىغان قاتناش، ئېلېكتىر توكى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مۇنداق تەستىقىي يوليورۇق بەردى: دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئالاقىدار جايلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيفېڭ بورىنىنىڭ يۆنىلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى خەينەن، گۇاڭدۇڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، خەينەن ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كۈچ تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئېلېكتىر توكى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، بىر قىسىم ئابۇنىچىلارنىڭ ئېلېكتىر توكى، ئالاقىلىشىشى ئەسلىگە كەلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.