تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇزلۇق سۇدا بېلىق، راكلار جانلىنىپ كەتتى

بۇرۇلتوقاي بېلىقچىلىقنىڭ يېشىل ئايلانما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى

تۇزلۇق سۇدا بېلىق، راكلار جانلىنىپ كەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

باش كۈز مەزگىلىدە، ئالتاي ۋىلايىتى 1 - دېھقانچىلىق مەيدانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئالتاي 1 - دېھقانچىلىق مەيدانى» دېيىلدى)نىڭ تۇزكۆل رايونىدا قومۇشلار ياپيېشىل ئۆسكەن بولۇپ، سۇ قۇشلىرى لەرزان ئۇچۇپ يۈرەتتى، تۇزكۆللەر خۇددى دانە - دانە يېشىل قاشتېشىدەك كەڭ تۇپراققا نەقىشلەنگەنىدى. سۇدا سولۇ بېلىقى، ليەنيۈ بېلىقى، سازان بېلىقى توپ - توپ بولۇپ بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرەتتى.

«ئىككى يىل بۇرۇن تۇزكۆل كۆل رايونىغا قويۇپ بېرىلگەن بېلىجانلار ھازىر ئىككى كىلوگىرام ئەتراپىدا يوغىنىدى. تۇزلۇق سۇدا بېقىلغان بېلىقنىڭ گۆشى چىڭ، تەمى مەززىلىك بولىدۇ.» 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى 1 - دېھقانچىلىق مەيدانى تارماق شىركىتى − بۇرۇلتوقاي تۇزكۆل سۇ مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا، شىركەت دىرېكتورى تيەن چىخاۋ باشقا جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەرگە شىركەت باققان سوغۇق سۇ بېلىقىنى تونۇشتۇردى.

بۇ يىل سوغۇق سۇ بېلىقىلا ئەمەس، بۇ شىركەتنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدىكى قىسقۇچپاقىلارنىڭمۇ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 70 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىدا بازارغا سېلىنىپ، ئۈرۈمچى، تارباغاتاي ۋە شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا توشۇش پىلانلاندى.

ئالتاي 1 - دېھقانچىلىق مەيدانىدا شورلۇق يەر كۆپ بولۇپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىغانىدى. ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىتقا قارىتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي شورلۇق سۇ باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

شورلۇق سۇدا بېلىق، راك بېقىش قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟

بۇرۇلتوقاي تۇزكۆل سۇ مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سۈن چىڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ھاۋا ئوچۇق كۈن كۆپ، ھاۋا تۇتۇق كۈن ئاز، يېتەرلىك كۈن نۇرى، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا بېلىق، راكلارنىڭ يېتىلىشىدىكى تەبىئىي مۇھىتقا ئايلاندى. «باقمىچىلىق بازىسى تېرىش قىيىن بولغان شورلۇق يەرگە قۇرۇلغان بولۇپ، يەر تەننەرخى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە مۇۋاپىق كىلىمات شارائىتىغا ئىگە».

بايلىقتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىش ھەم ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالتاي 1 - دېھقانچىلىق مەيدانى ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى پائال كىرگۈزۈپ، تۇزكۆل بايلىقىنى ئىلمىي پىلانلىدى ۋە ئۇنىۋېرسال ئاچتى ھەم 2023 - يىلى بېلىقچىلىقنىڭ يېشىل ئايلانما تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتتى. بۇ تۈرگە جەمئىي 9 مىليون 170 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 1300 مو كېلىدىغان 38 كۆلچەكنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش، 100 مو ئېكولوگىيەلىك تىنما كۆلچەك ۋە ئېكولوگىيەلىك ئازگال قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھازىر بار بولغان 710 مو كۆلچەكتىكى لاي - لاتقىلار تازىلاندى ۋە قىر قوغدىلىپ مۇستەھكەملەندى ھەم مىكرو تۆشۈكلۈك ئوكسىگېن كۆپەيتىش ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى سەپلەندى.

ھازىرغىچە 38 كۆلچەكنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى، يول قۇرۇلۇشى، كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ، چۈشۈرگىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئوكسىگېن كۆپەيتىش ماشىنىسى، يەمچۈك تاشلاش ماشىنىسى سەپلەش قاتارلىق خىزمەتلەر سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى.

«تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ھەر مو يەرنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى مەھسۇلات مىقدارى 80 كىلوگىرامدىن ئارتۇق كۆپىيىپ، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاشىدۇ. ئۆلچەملەشكەن كۆلچەك قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنى بېلىق بېقىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلەپ، ساغلام ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ جاينىڭ بېلىقچىلىقىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ» دېدى سۈن چىڭمىڭ.

شورلۇق يەردە بېلىق، راك بېقىش بايلىقنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ كەڭ بازار ئىستىقبالىغا ئىگە.

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بۇرۇلتوقاي تۇزكۆل سۇ مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا، تېخنىكلار ئېرتىش دەرياسى قىسقۇچ پەنجىلىك راكىنى باقىدىغان سۇنىڭ سۈپىتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ھەم خاتىرە قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىيلىك ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي خاتىرىلەۋاتاتتى.

5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېرتىش دەرياسى قىسقۇچ پەنجىلىك راكى باقمىچىلىق بازىسىغا قويۇپ بېرىلدى. ئېرتىش دەرياسى قىسقۇچ پەنجىلىك راكىنىڭ ئىلمىي نامى «تار قىسقۇچ پەنجىلىك راك» بولۇپ، ئادەتتە گېرۇشى شەرقىي ياۋروپا قىسقۇچ پەنجىلىك راكى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ سوغۇق سۇ راكىغا تەۋە. ئۇنىڭ جۇغى چوڭ، گۆش چىقىش نىسبىتى يۇقىرى، گۆشى مەززىلىك بولۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشنىڭ بازار ئىستىقبالى پارلاق.

«ئۈچ ئاي يېتىلىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئېرتىش دەرياسى قىسقۇچ پەنجىلىك راكىنىڭ بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ناھايىتى ماسلاشقانلىقىنى بايقىدۇق. ئەگەر بېقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ چوڭ سۇ رايونى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇپ بېقىپ ھەم تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلىق تۈرى ۋە ئەندىزىسى ئۈستىدە سىجىل ئىزدىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خاس بېلىقچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ» دېدى تيەن چىخاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.