تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن سۆھبەتلەشتى

9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ساسسۇ ۋە رەپىقىسى ئانتوۋنېت ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ساسسۇ ۋە ئانتوۋنېت بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، گو يۈجىڭ) 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ساسسۇنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۇھىم تۆھپىسىنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، 2013 - يىلى مەن ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئافرىقىغا قارىتا چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسىنى ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، بۇ، جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى يېتەكچى پىرىنسىپ بولدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى ئافرىقىدىكى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو − ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ كونگو(بىراززاۋىل) بىلەن بىرلىكتە ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇشتىن ئىبارەت يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»نىڭ بارغانسېرى جۇلالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كونگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن كونگونىڭ دوستلۇقى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇنىڭغا ئىككى دۆلەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئورتاق ئىدىيەۋى ئىنتىلىشى، قەتئىي ئۆزئارا قوللىشى سەۋەب بولغان. جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى، جۇڭگو - كونگو دوستانە ھەمكارلىقى يەنە تېخىمۇ شانلىق بولغان كېيىنكى 60 يىلنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - كونگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو - كونگو ئىككى دۆلەتنىڭ «تۆت رول»نى ياخشى زىممىسىگە ئېلىش، يەنى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى بايراقدار، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئاۋانگارت، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى نەمۇنە، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتىكى ئۈلگە بولۇش تەكلىپىنى بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كونگو تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي، ئېنىق قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئارا بېرىش - كېلىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كونگو تەرەپنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە رايونلارنى تۇتاشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جۇڭگو - كونگو دوستلۇق ئىشلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كونگو تەرەپ بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىشنى خالايدۇ.

ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: 60 يىل ئىلگىرى، مەن كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگونى زىيارەت قىلغان ياشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە جۇڭگوغا كەلگەنىدىم. مۇشۇ يىللاردا، جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا جەھەتتە كىشىنى قايىل قىلىدىغان تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، جۇڭگو دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى، بۇنىڭدىن جۇڭگو خەلقى ناھايىتى ئىپتىخارلىنىدۇ، كونگو(بىراززاۋىل) خەلقى بۇنىڭغا چوڭقۇر قايىل بولىدۇ، چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ. كونگو بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كارخانىلىرى كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ بېلىقچىلىق، كانچىلىق، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كونگو(بىراززاۋىل) جۇڭگو تەرەپ بىلەن دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ ھەم بۇ مەيدانىدا ھېچقانداق تەۋرىنىش بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كونگو(بىراززاۋىل)نىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى جاكارلاپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، كونگو(بىراززاۋىل) جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئافرىقا − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق پىلانى، ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش، پالما مەرىزىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - كونگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ساسسۇ ۋە رەپىقىسى ئانتوۋنېت ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.