شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ جيەنلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى سائەت 14 كىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى چۆللۈكتە، ماخۇ نېفىتلىكىدىكى شيا 211X قۇدۇقى 5255 مېتىر بۇرغىلاندى، قۇدۇق ئاستى ئەھۋالى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى، قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى تۈرلۈك پارامېتىرلارنى ئىشقا سېلىپ، بۇرغىلاش خەۋپ ـ خەتىرىنى تەھلىل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم قىلدى.
شيا 211X قۇدۇقىنى بۇرغىلاشنى جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى غەربىي قىسىم بۇرغىلاش ـ چارلاش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار قۇدۇق بۇرغىلاش شىركىتىنىڭ 70279 قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، باشقا قۇدۇقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قۇدۇقتا قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلغان، بۇ، غەربىي قىسىم بۇرغىلاش ـ چارلاش شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئاقىل نەرسە تورى سىستېمىسى.
قۇدۇق مەيدانىنىڭ رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 2022 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، غەربىي قىسىم بۇرغىلاش ـ چارلاش شىركىتى قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى ئېچىش، قۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ، قۇدۇق بۇرغىلاش، قۇدۇق خاتىرىلەش، يۆنىلىش بەلگىلەش، لاي ئېتىش، قۇدۇقنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق كۆپ خىل كەسپىي خادىملارنى قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە بىرتۇتاش يىغىپ، قۇدۇق بۇرغىلاشنى «زەنجىر باشلامچىسى» قىلغان گېئولوگىيەلىك قۇرۇلۇش بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن مەشغۇلاتنى يولغا قويدى.
قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە تارقالغان سانلىق مەلۇماتلار بىر يەرگە توپلىنىپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىكتە مەركەزلىك ھۆكۈم چىقىرىپ، قۇدۇقتىكى مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ئاسان ھەل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلدى. «بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 11 قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىدە كېڭەيتىپ قوللىنىلدى، جۈملىدىن جۇڭغار، تارىم، تۇرپان ـ قومۇل ئويمانلىقىدىكى ئۈچ چوڭ نېفىتلىكتە بىردەك كېڭەيتىلدى» غەربىي قىسىم بۇرغىلاش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى پەن ـ تېخنىكا ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ چېڭ مۇنداق دېدى: قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك يىغىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قۇدۇق بۇرغىلاش قۇرۇلۇشىدىكى كۆپلىگەن كەسپىي ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قۇدۇق بۇرغىلاشتىكى ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر ھەم قوشۇمچە قۇرۇلمىلارنى توپلاشتۇرۇپ سانلىق مەلۇماتلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى گازارما تەسىس قىلغاندا ئەسلىدە بار بولغان ئىنژېنېرلار ئۆيى، قۇدۇق خاتىرىلەش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى ئالدى، ھازىر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى بىر تۇتاش توپلىنىپ، ساقلىنىپ، ئىشلىتىلىپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن جەرياندا، پۈتۈن زەنجىردە، پۈتۈن كەسىپ ھالىتىدە باشقۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش، مەشغۇلات قىلىش ۋە ئاسراش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى.
نۆۋەتتە، غەربىي قىسىم بۇرغىلاش شىركىتى يەنە قاراماي شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا گېئولوگىيە قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مەركىزى، قۇدۇق بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى مەشغۇلاتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوللاش مەركىزى قۇردى، قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى يەنە نەق مەيداندا قۇدۇق بۇرغىلاش كۆرۈنۈشى، سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت ئارقا سۇپىغا يوللاپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىراقتىن قوماندانلىق قىلىپ تەھلىل قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇرەككەپ قۇدۇق بۇرغىلاشنى ئارقا سەپ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
غەربىي قىسىم بۇرغىلاش شىركىتى يۇمشاق ماتېرىيال تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى پۇ بو مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىزدە 300دىن ئارتۇق قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى بار، قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى گۇرۇھ شىركىتى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترەتلىرىدە تەرتىپلىك كېڭەيتىلىدۇ.
پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن زەنجىرلىك ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، سانائەت ئالاقە تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپ توپى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەلگۈسىدە، غەربىي قىسىم بۇرغىلاش شىركىتى نەرسە تورى، 5G قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، توپلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى يىراقتىن نازارەت قىلىش ـ كونترول قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش، بىخەتەرلىكتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن قۇدۇق مەيدانى سانلىق مەلۇمات مەركىزى بەرپا قىلىپ، كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.