□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ
«9 »I love China! ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر 2024 ـ يىللىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە زىيارەت قىلىۋاتقاندا، لىبېرىيە دۆلەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى فرانسىس پېرراينانى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ ئەمدىلا AI رەقەملىك ئادەمنىڭ كۆپ كۆرۈنۈشلۈك ئاڭلىتىشىنى ھېس قىلىپ، ئارقىدىنلا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە بۇ سۆزنى قالدۇرغانىدى.
بۇ بىرنەچچە كۈندە، 2024 ـ يىللىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى خەۋەر قىلىشقا كەلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چوڭقۇر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق ھېس قىلىپ، ئافرىقا − جۇڭگو كەلگۈسى ھەمكارلىقىدىن كۈتكەن گۈزەل ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. ئاخبارات مەركىزىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئافرىقا مۇخبىرلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.
CAVEنىڭ 8K دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش رايونىدا، يېرىم ئايلانما ئېكراندا ئەينەن چۆكۈش شەكلىدىكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانىدى. چوڭ ئېكراندا بىر تەشۋىقات فىلىمى قويۇلۇۋاتاتتى. ھېس قىلغۇچىلار چاققان قارلىغاچقا ئايلىنىپ، يول بويى جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رەڭگارەڭ تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايتتى. بايىنبۇلاق ئوتلىقىدىكى توققۇز توقاي 18 ئەگىمدىن ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم تىيانشان تېغىغىچە، ئاندىن بوشلۇقتا رەڭگارەڭ ئىسسىق ھاۋا شارلىرى لەيلەپ يۈرگەن قىزىل دېڭىزغىچە، كەچكى شەپەق نۇرى يانتۇ چۈشۈپ تۇرغان مىسىر پىرامىداغىچە... قارلىغاچنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بويلاپ تېخىمۇ كەڭ جايلارغا ئۇزىرايتتى. ئېكراندا مومباسا ـ نايروبى تۆمۈريولىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزنىڭ كۆرۈنۈشى پەيدا بولغاندا، كېنىيە رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئېرىك بوبى مۇنداق دېدى: «مومباسا ـ نايروبى تۆمۈريولى بىر بەخت يولى، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزگەردى».
ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىدا، ناھايىتى كۆركەم بولغان ماشىنا ئادەم پىدائىي «شياۋچى» نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «شياۋچى»نىڭ بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1.7 مېتىر بولۇپ، چاچلىرى قاپقارا، كالپۇكى قىپقىزىل ئىدى، 3Dلىق بېسىپ چىقىرىلىپ ھەل بېرىلىپ ياسالغان بەدىنى مېتال سۈپەت تۇيغۇسىغا تولغان بولۇپ، جۇڭگوچە، ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە سۆزلىيەلەيتتى.
«ئاخبارات مەركىزىدە قانداق ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟» «ئەلۋەتتە، بۇ جاي 2024 ـ يىللىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى جەمئىي 3000دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرىنى زىيارەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئاخبارات مەركىزى ھەرقايسى دۆلەت مۇخبىرلىرىنى رادىيو ـ تېلېۋىزىيە، ئاخبارات ئېلان قىلىش، باشلىقلار يىغىنىدىن مەسلىھەت بېرىش، يېمەك ـ ئىچمەك ھەم قاتناش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.» گىۋىنېيە مۇخبىرى سەيخې باد فىرانسۇزچە سورىغان سوئالغا «شياۋچى» ئىنتايىن راۋان جاۋاب بەردى.
ئاخبارات مەركىزىنى ئايلانغاندا، ھەرقايسى دۆلەت مۇخبىرلىرىنى جۇڭگو تاراتقۇلىرىدىكى كەسىپداشلارنىڭ ئورىۋېلىپ زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشنى پات ـ پات ئۇچراتقىلى بولىدۇ. رىۋاندا ۋاقىت تورىنىڭ مۇخبىرى سىئوفېر مۇنداق دېدى: مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە رىۋاندالىق بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار جۇڭگوغا كېلىپ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆگىنەلەيدىغان بولدى، بۇ رىۋاندانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز رىۋاندا ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
ئاخبارات مەركىزىدە، ئافرىقا تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىدىن باشقا، باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن نۇرغۇن مۇخبىرمۇ بۇ جايدا خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇردى. ياۋروپا ـ ئاسىيا تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ مۇخبىرى ئىۋان شاپكىننىڭ جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى ئىنتايىن قەدىرلىدى. «جۇڭگو ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ خىل ئىدىيەنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق ئۈلگىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك» دېدى ئۇ.