شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، ۋاڭ جۈنلۇ) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بوتسىۋانا زۇڭتۇڭى ماسىسى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن بوتسىۋانانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بوتسىۋانا ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلار، باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى سەمىمىي قوللاپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى سىياسەت ئۇل تېشى قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، بىر ـ بىرىگە ئىشىنىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، خەلق رايى تۇتاشقان ھەمراھلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، مائارىپ، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا، بۇ، جۇڭگو − ئافرىقا خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى. جۇڭگو ئافرىقىلىق قېرىنداشلار بىلەن يېقىندىلا يەنە جەم بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، گۈللىنىشى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىدىكى ئاكتىپ كۈچنى قويۇپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ بوتسىۋانا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
ماسىسى مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن ئافرىقا − جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي پەيت. رەئىس شى جىنپىڭ بايا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قالتىس نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى قوللاشقا ئالاقىدار يېڭى تەدبىرلەرنى جاكارلىدى، بۇ، ئافرىقىغا قارىتا يەنىمۇ ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن ئافرىقا تەرەپ ھەسسىلەپ ھاياجانلاندى، ئىنتايىن ئىلھاملاندى. بوتسىۋانا تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىدا سۈرەتلەنگەن ئارزۇنىڭ جەزمەن ئىشقا ئېشىشىنى تامامەن قوللايدۇ ۋە ئىشىنىدۇ. بوتسىۋانا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو خەلقى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك ھەم تامامەن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بوتسىۋانانى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بوتسىۋانا تەرەپ كېلەر يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ چاۋ، لى دېشىن) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن نامىبىيە زۇڭتۇڭى مۇبېمبا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇبېمبانىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلاپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى، جۇڭگو تەرەپ نامىبىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن نامىبىيە غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا خەلق تەشكىلاتى ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىلغار پارتىيەلەر، غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا خەلق تەشكىلاتى «نامىبىيەچە سوتسىيالىزم قۇرۇش»نى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى. جۇڭگو تەرەپ نامىبىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، پاكىز ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە ـ قېزىلما بايلىق، پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نامىبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، نامىبىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە ئالاقىدار قولايلىق ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ نامىبىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللايدۇ، نامىبىيە تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
مۇبېمبا مۇنداق بىلدۈردى: تەكلىپ بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم ھەم مول جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە ئەنئەنىگە ئىگە قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋېلىشقا ئېرىشتىم. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ئىككى نەتىجە ھۆججىتى ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇق رىشتىنى مۇستەھكەملەشكە، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا دائىر بىرقاتار يېڭى تەدبىرلەر ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، گۈللىنىدىغان پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ، ئافرىقا − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. نامىبىيە تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە، ئالەم قاتنىشى، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. نامىبىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، قەتئىي تۈردە جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنى قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، بۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن نامىبىيە ئىككى تەرەپ قوي ۋە ئۆچكە گۆشىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، تەرەققىيات ـ ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، لى چۇنيۈ) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گانا زۇڭتۇڭى ئاكۇفو ـ ئاددو بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ گانا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گانا − سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىككىنچى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 64 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ گانا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇققا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن، قويۇق ھەمكارلىشىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گانا تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە گانا تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، ئېنېرگىيە ـ قېزىلما بايلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، گانا تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنى ئالاقىدار مەدەت ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گانانىڭ 2024 ـ يىلىدىن 2026 ـ يىلىغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش خىزمىتىنى قوللايدۇ، گانا تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى. جۇڭگو تەرەپ گانا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.
ئاكۇفو ـ ئاددو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. گانا ئافرىقىدىكى 1 ـ تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە گانانىڭ ئەڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى بولۇپ كەلدى. گانا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گانانى تۈرلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى گانانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. گانا تەرەپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا قولايلىق يارىتىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئافرىقا بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئالاقىدار تەكلىپلەر ئىنتايىن ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، گانا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە بىر ـ بىرىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جۇ چاۋ، لو شىن) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ رىۋاندا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن رىۋاندا ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش جەھەتتە قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ رىۋاندانىڭ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، رىۋاندا تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو بىلەن رىۋاندانىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ رىۋاندا تەرەپ بىلەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، سۈنئىي ھەمراھتىن ئەمەلىي پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رىۋاندا داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنى، لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى بىرلىكتە ياخشى باشقۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ رىۋاندا تەرەپنىڭ ئافرىقا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، رىۋاندا تەرەپ بىلەن تىنچلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
كاگامې مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018 ـ يىلى رىۋاندادا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولغانلىقى ھېلىھەم ئېسىمدە. رىۋاندا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ ھەم بىر ـ بىرىگە يېقىن كېلىدۇ، ئوخشاشلا كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئوخشاشلا ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىققە ھۆرمەت قىلىدۇ. رىۋاندا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ، بۇ خىل مەيدان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشى ئاساسىغا ئورنىتىلغان. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جارى قىلدۇرغان مۇھىم يېتەكچىلىك رولىغا رەھمەت ئېيتىمەن. رىۋاندا تەرەپ جۇڭگونى ئۇزاققىچە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى دەپ بىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن رىۋاندا ئىككى تەرەپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ھەسەلنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، رەقەم ۋە ئۇچۇر ـ خەۋەرلىشىش، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ چاۋ، دۇڭ شۆ) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گىۋىنېيە ـ بىسسائۇ زۇڭتۇڭى ئېمبالو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئېمبالو بۇ يىل جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدى، بۇ قېتىم يەنە كېلىشكىنىمىز بويىچە بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگوغا بولغان دوستلۇق مېھرىنى ۋە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ گىۋىنېيە ـ بىسسائۇ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، گىۋىنېيە ـ بىسسائۇنىڭ ياۋگوسىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ گىۋىنېيە ـ بىسسائۇ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئېمبالو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلار ئاجايىپ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر _ دائىرە ۋە تارىخىي كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلدى، ئىنتايىن كۈچلۈك نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە، گىۋىنېيە ـ بىسسائۇ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، پائال قوللايدۇ. ئافرىقا ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى، قېرىندىشى. گىۋىنېيە ـ بىسسائۇ جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، دىڭ جىڭ) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ زۇڭلىسى تىروۋادا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سان تومې ۋە پىرىنسىپى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سان تومې ۋە پىرىنسىپى جۇڭگو − ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق چوڭ ئائىلىسىگە يېڭىباشتىن قايتىپ كەلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، سان تومې ۋە پىرىنسىپى تەرەپ بىلەن بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ دوستانە ئۆتۈش چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئاشۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. ساياھەتچىلىك، يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سان تومې ۋە پىرىنسىپى تەرەپنى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سان تومې ۋە پىرىنسىپى تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
تىروۋادا مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگىنىمدە، ھەمىشە ئائىلەمگە قايتقاندەك ھېسسىياتتا بولىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بولۇپمۇ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جاكارلىغان يېڭى تەدبىر سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ ھەم ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. سان تومې ۋە پىرىنسىپى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سان تومې ۋە پىرىنسىپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سان تومې ۋە پىرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار تۇ مىڭ، دۇڭ شۆ) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ گۇتېررېسنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بايا بىز جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتۇق. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن تۇنجى زىيارىتىمدىلا ئافرىقىغا كېلىپ، تانزانىيەدە ئافرىقىغا قارىتا چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش سىياسىتىنى قوللىنىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ھەم شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قېتىملىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتىم. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىشتا ھېچقانداق شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئافرىقىلىق قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، تانزانىيە ـ زامبىيە تۆمۈريولىنى زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ قۇرۇپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇق ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىققان. بايا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مەن ئافرىقىغا قارىتىلغان ئەمەلىي ھەمكارلىققا ئالاقىدار يېڭى ھەرىكەت، يېڭى تەدبىرلەرنى جاكارلىدىم، تۈنۈگۈن مەن يەنە تانزانىيە ۋە زامبىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن تانزانىيە ـ زامبىيە تۆمۈريولىنى جانلاندۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدۇق، مەقسىتىمىز جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈندۇر. مەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا خەلقىنىڭ ھەممىسىنى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلدىم، بۇ يەنە دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئورتاق كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: گەرچە ئالدى تەرەپتە تۈرلۈك ئېنىقسىزلىق، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ. مەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمدە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت ئورتاق ئولتۇرغان بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش جۇڭگو دىپلوماتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن پىرىنسىپ بولۇپ، ئۆزگەرمەيدۇ. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رامكىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ مېنى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. تارىختا، ئافرىقا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى. جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئافرىقا ئۇچرىغان تارىخىي ئادالەتسىزلىكنى ئازايتىشقا پايدىلىق، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كاتتا ئىش بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەشكە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توسۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كەلگۈسى باشلىقلار يىغىنىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رامكىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.