تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، سۈن يى) 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت قاتلىمىغا كۆتۈرۈلىدۇ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ئورنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتناشتى.

باش كۈزدىكى بېيجىڭدا ئۇلۇغۋار غايە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئافرىقىدىكى 53 دۆلەت ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى بىلەن بىللە شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.

شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ 51 نەپەر دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ھەمدە ئىككى نەپەر زۇڭتۇڭ ۋەكىلى، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

«تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ۋە قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ مول ھوسۇل پەسلىدە، ھەرقايسى يېڭى، كونا دوستلار بىلەن بېيجىڭدا جەم بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو − ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى مۇھىم ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقى زامان ـ ماكاندىن ھالقىپ، تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگو ئافرىقىلىق قېرىنداشلار بىلەن بىللە چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى؛ ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش چوڭ دولقۇنىدا ئۆزىنى كۈچەيتىپ، زورايتىپ، مول نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىكى 100 مىليونلىغان پۇقراغا نەپ يەتكۈزدى؛ چوڭ ئاپەت، چوڭ يۇقۇم ئالدىدا جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئورتاق جان تىكىپ ئېلىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى پۈتۈپ چىقتى؛ باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، بىر ـ بىرىنى قوللاپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 70 يىلغا يېقىن تىرىشىپ ئەجىر قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت قاتلىمىغا كۆتۈرۈش، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئافرىقىمۇ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063 ـ يىل قارالمىسى»دا تەسۋىرلەنگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىغا ئورتاق ئىنتىلىشى مۇقەررەر ھالدا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ «ئالتە زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

− قول تۇتۇشۇپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

− قول تۇتۇشۇپ ئېچىۋېتىلگەن، تەڭ نەپ ئالىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يىراق كەلگۈسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داغدام يول. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، سودا ـ سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش نەمۇنىسىنى تىكلەپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈلگىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

− قول تۇتۇشۇپ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئادەمنىڭ ئەركىن، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، نامراتلارنى ئازايتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتكۈل خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

− قول تۇتۇشۇپ كۆپ مەنبەلىك سىغدۇرۇشچان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يۈكسەك ئىنتىلىش. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، سىغدۇرۇشچان، تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

− قول تۇتۇشۇپ ئېكولوگىيە سۆيەر زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېشىل تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپنىڭ «يېشىل ئېشىش موتورى»نى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئېنېرگىيەدىن مەنپەئەتلىنىش پەرقىنى ئازايتىپ، ئورتاق ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارى بويىچە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

− قول تۇتۇشۇپ تىنچ، بىخەتەر بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ، مۇقىم بولغان تەرەققىيات مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئۆز ئالدىغا قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنىڭ ئالدى بىلەن ئافرىقىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ نوپۇسى دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمىسا، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

بىرىنچى، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا تەرەققىياتى بىلىم تورى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا تەتقىقات مەركىزىدىن 25نى تەسىس قىلىشنى، ئافرىقىدىكى 1000 نەپەر سىياسىي پارتىيە زاتلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، سودىنى گۈللەندۈرۈش ھەمراھلىرىدىن بولۇش ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازارنى ئېچىۋېتىشنى يەككە تەرەپلىك كېڭەيتىپ، ئافرىقىدىكى 33 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئىمتىيازى بېرىشنى قارار قىلىپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىنى ئافرىقىنىڭ چوڭ پۇرسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «جۇڭگو − ئافرىقا سۈپەت ئۆستۈرۈش پىلانى»نى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش رامكا كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالاپ، جۇڭگو − ئافرىقا سودا سېلىنمىسىنى ئۇزاق مەزگىللىك، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كەسىپ ھەمكارلىقى بويىچە ئېشىش چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ئىقتىساد ـ سودا چوڭقۇر ھەمكارلىقى بويىچە باشلامچى رايوننى كۈچەپ قۇرۇپ، «ئافرىقىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا كۈچ قوشۇش پىلانى»نى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن 20نى قۇرىدۇ.

تۆتىنچى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدا ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش تۈرىدىن 30نى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو − ئافرىقا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئەشيا ئوبوروتى ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ رايون ھالقىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

بەشىنچى، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «كىچىك ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن 1000نى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو − دۇنيا بانكىسى ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى فوندىغا مەبلەغ قوشىدۇ. 2026 ـ يىللىق ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2027 ـ يىللىق ئافرىقا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدۇ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگو − ئافرىقا خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالتىنچى، سەھىيە ـ ساغلاملىق ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئافرىقا دوختۇرخانا ئىتتىپاقى قۇرۇپ، بىرلەشمە تېبابەت مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ. ئافرىقىغا 2000 نەپەر داۋالاش ئەترىتى خادىمى ئەۋەتىپ، داۋالاش ـ سەھىيە ۋە بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش تۈرىدىن 20نى يولغا قويۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، داۋاملىق تۈردە ئافرىقا دۇچ كەلگەن يۇقۇمغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

يەتتىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنى 1 مىليارد يۈەن جىددىي ئاشلىق ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، 100 مىڭ مو يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، 500 نەپەر يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو − ئافرىقا يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى قۇرىدۇ. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرىدىن 500نى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا كارخانىلىرىنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ» مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئافرىقا ئۈچۈن ئاز دېگەندە 1 مىليون ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ.

سەككىزىنچى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «كەلگۈسىدىكى ئافرىقا كەسپىي مائارىپى» پىلانىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت قۇرۇلۇش تېخنىكىسى شۆيۈەنىنى ئورتاق قۇرۇشنى، «لۇبەن ھۈنەرخانىسى»دىن ئوننى قۇرۇشنى خالايدۇ. نۇقتىلىق ھالدا ئافرىقىدىكى ئاياللار ۋە ياشلارغا يۈزلەنگەن 60 مىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سانى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا «مەدەنىيەت يىپەك يولى» پىلانى ۋە «رادىيو ـ تېلېۋىزىيە كۆرۈش، ئاڭلاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق پىلانى»نى ئورتاق يولغا قويىدۇ. 2026 ـ يىلىنى «جۇڭگو − ئافرىقا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىدۇ.

توققۇزىنچى، يېشىل تەرەققىيات ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدا پاكىز ئېنېرگىيە تۈرىدىن 30نى يولغا قويۇپ، ھاۋارايىدىن بالدۇر ئالدىن سىگنال بېرىش كەسىپ سۇپىسى قۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا يادرو تېخنىكىسىدىن تىنچ پايدىلىنىش مۇنبىرى تەسىس قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، ئاي شارى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

ئونىنچى، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمراھىلىق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئافرىقا تەرەپكە 6000 نەپەر ھەربىي ئىختىساسلىقلار ۋە 1000 نەپەر ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خادىمى تەربىيەلەپ بېرىشنى، 500 نەپەر ياش ئوفىتسېرنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى، بىرلەشمە مەشىقى، بىرلەشمە چارلاپ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئافرىقىنىڭ مىنا ئاپىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، خادىملار ۋە تۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايدۇ.

«ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىدۇ، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا ئافرىقا دۆلەتلىرىنى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىغا ئورتاق ئىنتىلىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ. ئافرىقىدا «سەپەرداشلارلا ھەقىقىي دوست ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ماقال بار. زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، بىرمۇ دۆلەت سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. بىز 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو − ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا يېپيېڭى يۆگىمە رەسىم سىزىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولايلى!

جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ زۇڭتۇڭى فايې، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ماۋرىتانىيەنىڭ زۇڭتۇڭى غازۋانى، ئافرىقا ئىككىلەمچى رايون ۋەكىللىرىدىن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى تىنۇبۇ، تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئەزىز مېھمىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاجىمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 2018 ـ يىلىدىكى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا − جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك سۇپا بولۇپلا قالماي، يەنە جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان شانلىق ئۈلگىگە ئايلاندى. مۇنبەر ھەمكارلىقى دوستلۇق، ھۆرمەتلەش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا بولدى، جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ھېچقانداق سىياسىي قوشۇمچە شەرت قوشمىدى، بۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ھازىرقى مۇرەككەپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈمىدىگە تېخىمۇ ئايلاندى. ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئافرىقا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ھەم تامامەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىشنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاشنى خالايدۇ. ئافرىقا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ تەيۋەن، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئافرىقا − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشنى خالايدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا «يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى» «جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى (2025 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە)» ماقۇللاندى.

جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا تەرەپ ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى ھەم خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ 3200دىن ئارتۇق كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

يىن لى، لى شۇلېي، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ۋاڭ يى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 2000 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگو، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 ئافرىقا دۆلىتى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتى بولۇپ جەمئىي 55 ئەزاسى بار. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش.» ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن يەنە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت تۆت مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.