تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئوقۇش باشلاش پەسلىدە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟

      ئەسلى تېما: داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟  (سىياسەت ئىزاھاتى. سۇئال-جاۋابلار) 

    بىر قىسىم داشۆلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلاندى، ئوقۇغۇچىلار يېڭى ئۆگىنىش تۇرمۇشىغا تەييارلىق قىلماقتا. ئەگەر ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلار بولسا، ئالاقىدار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرىنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى قاتارلىق سىياسەتلەر قايسى ئوقۇغۇچىلار توپىغا ماس كېلىدۇ؟ بۇ ھەقتە مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى گېزىتىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

    كاپالەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە تەرەققىيات تىپىدىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە بىردەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ

    سۇئال: ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئىقتىسادىي ياردەم پىلانى قاتارلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ، ئاساسىي جەھەتتىن قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ ھەرقايسىسىدا نېمە تەكىتلىنىدۇ؟ قايسىلىرى مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى، قايسىلىرى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟ 

   جاۋاب: ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى تۈزۈمى مۇكەممەل بولۇپ، «مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش، ھەقلىق ئەمگەك بىلەن تەمىنلەش، تولۇقلىما بېرىش، كېمەيتىش»تىن ئىبارەت كۆپ مەنبەلىك سىياسەت تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنغان، ئالىي مائارىپتىكى بارلىق مائارىپ قاتلىمى، تەربىيەلەش ئورنى ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى قاپلىغان.

    ئومۇمەن، كاپالەت تىپىدىكى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەرەققىيات تىپىدىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە بىردەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى قاتارلىقلاردا مەۋقە «ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش»قا قويۇلىدۇ، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلاردا «مۇنەۋۋەرلەرنى مۇكاپاتلاش-رىغبەتلەندۈرۈش» تەكىتلىنىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلاشقان، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەنلەرگە دۆلەت ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋە سىفەن مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەش قاتارلىقلاردا «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش» كۈچەيتىلىدۇ.

    ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئارقىلىق تۇغۇلغان جاي ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرزى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكىلەر يەنە ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىغا مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مائارىپ ئوقۇش ياردەم تۈرى زىخۇي پىلانى(ئەسلىدىكى يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ئوقۇش ياردىمى بېرىش تۈرى)نى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    ئوقۇشقا كىرگەندە، ئەگەر ئوقۇش پۇلىنى غەملىيەلمىگەن بولسا، بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە «يېشىل يول» ئېچىلغان بولۇپ، ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، ئاۋال تىزىملىتىپ مەكتەپكە كىرىش، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش كېرەك.

    ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپ ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق ئىقتىسادىي ياردەملەرنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، مەكتەپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى باھالىغاندىن كېيىن، قىيىنچىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلارنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئەگەر ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا ياكى چاقىرىققا بىنائەن ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىسە، جۈنشى(ئەسلىدىكى كەسپىي ئەسكەر)لىققا قوبۇل قىلىنسا، شەرتكە ئويغۇن كەلگەنلىرى ئوقۇش پۇلىنى تولۇقلاپ تۆلەپ بېرىش ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

     سۇئال: ئالاقىدار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تارقىتىلىش ئەھۋالى قانداق؟

    جاۋاب: ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى پۈتۈن كۈنلۈك ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلار، تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق ھەرقايسى باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدۇ، ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئاكادىمىيەسى، ئورنى، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىيەت شۆيۈەنى، بۇغالتىرلىق شۆيۈەنى قاتارلىق تۈرلۈك تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى قاپلىغان، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىي مەكتەپلەردىكى ھەربىيلىك سالاھىيىتى بولمىغان يەرلىك پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ. 2023-يىلى، ھۆكۈمەت، ئالىي مەكتەپ ھەم جەمئىيەت تەسىس قىلغان تۈرلۈك سىياسەتلەر بويىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جەمئىي 45 مىليون 296 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى، ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى 185 مىليارد 438 مىليون يۈەن بولدى.

     دىققەتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئىقتىسادىي ياردەم ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈش

    سۇئال: ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قايسى خىل ئىقتىسادىي ياردەمنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؟ ئوخشاش بىر ئوقۇغۇچى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى ياكى پىلانىنى ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟

   جاۋاب: ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەر ئۆزئارا ماسلاشقان، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دىققەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل تىپتىكى ئىقتىسادىي ياردەم ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سىياسەت دەل جايىدا يۈرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن دەۋرىيلىك، پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە ئىقتىسادىي ياردەم كاپالىتى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلگەن.

     ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلار توپىغا مۇلازىمەت قىلىنىدۇ:

    بىرىنچى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىشنى بىرتۇتاش قانات يايدۇرىدۇ، ئەگەر شەرتكە ئويغۇن كەلسە، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دائىرىسىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %20ى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %22ى بويىچە بولۇشى كېرەك؛ ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى 3300 يۈەن بولىدۇ، كونكرېت ئۆلچەمنى ئالىي مەكتەپلەر ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى 2000 يۈەندىن 4500 يۈەنگىچە بولۇش دائىرىسى ئىچىدە ئۆز ئالدىغا بەلگىلىسە بولىدۇ، ئىككىدىن ئۈچكىچە دەرىجىگە ئايرىشقا بولىدۇ.

   پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئارمىيەدىن چېكىنكەن ئەسكەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەريىلى 3300 يۈەن بولىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق سىفەن مەكتەپلىرىدىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلىنىدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار پىلانىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشمەيدۇ.

   ئىككىنچى، ئۆگىنىشتە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار. ئەگەر شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئۆگىنىشتە ئىنتايىن مۇنەۋۋەر بولغان 2-يىللىقتىن يۇقىرى يىللىقتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس(ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، ئىككىنچى باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ياخشى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەر يىلى 60 مىڭ ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچى ھەر يىلى 8000 يۈەن ئالالايدۇ؛ دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دائىرىسىدە، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %3ى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئالىي كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەخمىەن %3.3ى بويىچە بولىدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 5000 يۈەن بېرىلىدۇ.

    ئوخشاش بىر ئوقۇش يىلىدا، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشىگە بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە بولمايدۇ. مىنىستىرلىققا قاراشلىق سىفەن مەكتەپلىرىدىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلىنىدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار پىلانىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بەلگىلىمە ۋە شەرتكە ئويغۇن كەلگەنلىرى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ، بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

    ئۈچىنچى، چاقىرىققا بىنائەن ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، جۈنشىلىققا قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياكى ئارمىيەدىن چېكىنىپ ئالىي مەكتەپنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى مەخسۇس كۇرس(ئالىي كەسپىي تېخنىكومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت، ئىككىنچى باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئالغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپكە كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش بويىچە دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش شەرتىگە توشقانلار مۇناسىپ ئىقتىسادىي ياردەمدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

   چاقىرىققا بىنائەن ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، جۈنشىلىققا قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، ھەربىيلىككە قاتناشقاندا ئۇنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدە تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى بىر قېتىمدىلا تولۇقلاپ بېرىلىدۇ ياكى ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ چاقىرىققا بىنائەن ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى(دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى)لارغا قارىتا، مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش تەۋەلىكى ياكى ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن قايتا ئوقۇغان ياكى ئوقۇشقا كىرگەنلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ياكى ئالىي كەسپىي تېخنىكوم تۈرىگە ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئالىي مەكتەپكە كىرگەن ھەم مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. ئوقۇش پۇلىنى تولۇقلاپ تۆلەپ بېرىش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىش ھەمدە ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمى ھەربىر تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

    تۆتىنچى، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى شۇ يىلى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بەلگىلىك شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ئوقۇش پۇلىنى تولۇقلاپ تۆلەپ بېرىش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەركەز ئالىي مەكتەپلىرىدىكى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرى، جاپالىق، چەت رايونلار ۋە كونا سانائەت بازىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، مۇلازىمەت قىلغان مەزگىلى ئۈچ يىلدىن يۇقىرى(ئۈچ يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغانلارنىڭ ئوقۇش پۇلى تولۇقلاپ تۆلەپ بېرىلىدۇ ياكى ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ھەربىر تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 16 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدىكى قەرز پۇل ئۆسۈمىگە پۈتۈنلەي مالىيەدىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

     سۇئال: دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟

    جاۋاب: دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئالىي مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تەمىنلەيدىغان ئىناۋەت قەرزى بولۇپ، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدىكى ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىغا چىقىم قىلىنىدۇ، ئاشقان قىسمىنى يەنە كۈندىلىك تۇرمۇش پۇلىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز ئېلىش سوممىسى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى 16 مىڭ يۈەن بولىدۇ.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدىكى قەرز پۇل ئۆسۈمىگە پۈتۈنلەي مالىيەدىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئۆسۈمنى شەخس ئۆزى تۆلەيدۇ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدە LPRدىن 60 ئاساسىي نۇقتىنى ئېلىۋېتىشتەك ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى ئىشلىتىلىدۇ. دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىدە ئوقۇش تۈزۈمىگە 15 يىلنى قوشۇش، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 22 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن ئىبارەت قەرز مۇددىتى تەسىس قىلىنغان، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بەش يىل ئىچىدە دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە پەقەت قەرز ئۆسۈمىنى قايتۇرسىلا بولىدۇ، قەرز دىرىنى قايتۇرۇش ھاجەتسىز.

    دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى تۇغۇلغان جايدىكى ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى ۋە مەكتەپ بار جايدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىگە بۆلىنىدۇ. تۇغۇلغان جايدىكى ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى يازلىق تەتىلدە مەركەزلىك بېجىرىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە مەكتەپ بار جايدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى بېجىرىشكە بولىدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى بولسا، ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن تەربىيەلەش ئورنى ئارقىلىق بانكىغا قەرز ئېلىش ئىلتىماسىنى سۇنسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بىر ئوقۇش يىلى ئىچىدە تۇغۇلغان جايدىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى ۋە مەكتەپ بار جايدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى تەكرار ئىلتىماس قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر خىل قەرزنى تاللاپ بېجىرەلەيدۇ.

    سۇئال: ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى قانداق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؟

  جاۋاب: 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەمدە بارلىق ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش يازلىق تەتىللىك قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ، ھەر كۈنى سائەت 8:00دىن سائەت 20:00گىچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن مەسلىھەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفونىدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن مەسلىھەت سوراش ۋە مەسىلىلەرنى پاش قىلىش ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىپ بېجىرىلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك قىزىق لىنىيە تېلېفونىدا ئاساسلىقى شۇ جايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى، يېشىل يولى، تۇغۇلغان جايدىكى ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسلىھەتلەر قوبۇل قىلىنىپ بېجىرىلىدۇ، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفونىدا ئاساسلىقى شۇ مەكتەپنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى، يېشىل يولى، مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ياردەم پۇلى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسلىھەتلەر قوبۇل قىلىنىپ بېجىرىلىدۇ. ئېھتىياجى بار ئوقۇغۇچىلار مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفون نومۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.