تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شياۋچىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: كۈز پەسلى يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر  يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئائىلىدە تاماق ئېتىشتە بىخەستەلىك قىلماسلىق كېرەك

  1. يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك: مۇنتىزىم تاللا بازارلىرى ياكى بازاردىن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندا، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالىتى مۇددىتى، ساقلاش شارائىتى قاتارلىق بەلگە مەزمۇنلىرىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، سۈپەت كاپالىتى مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. سېسىغان مېۋىلەرنىڭ سېسىپ كەتكەن قىسمى كېسىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  2. سەيلەرنى، تاماقلارنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك: يېمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇش، ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەر ۋە بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىكلەرنى قايتا يېيىشتىن ئىلگىرى تولۇق قىزدۇرۇش، ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدىن ئارتۇق قىزدۇرماسلىق كېرەك.

  3. خام بىلەن پىششىقنى ئايرىش، بىخەتەر ساقلاش كېرەك: ئېشىپ قالغان سەي، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ۋاقتىدا سوغۇق ساقلاش، سوغۇق ساقلىغاندا يېڭى پېتى ساقلاش سۇلياۋ پەردىسى بىلەن ئوراپ، پىششىق يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە قويۇش، خام كۆكتات، مېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسى بىلەن ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە قويۇش، ھەم خام گۆشتىن ئايرىپ ساقلاش كېرەك؛ چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشىنى ئالدى بىلەن پارچىلاپ، ھەر قېتىم ئىشلىتىدىغان مىقداردىكىنى ئېلىش كېرەك، قايتا-قايتا توڭلىتىپ چىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. «توڭلاتقۇ بىخەتەرلىك ساندۇقى ئەمەس»، مەيلى سوغۇق ساقلاش ياكى توڭلىتىش بولسۇن، يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا ئۇزاق ساقلاشقا بولمايدۇ.

  4. قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك: ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تەرەتتىن كېيىن ۋاقتىدا قول يۇيۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، قول يۇيۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە ئېھتىيات قىلىش كېرەك

  سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە كىنىشكىلىرى تولۇق، غىزالىنىش مۇھىتى ۋە باشقۇرۇلۇشى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئاشخانىلارنى تاللاش، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىنىشكىسىز يايمىچىلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالماسلىقنى ئەسكەرتىشى كېرەك؛ سىرتتىن ۋەيمەي بۇيرۇتقاندا، سوغۇق سەي، تۇزلانغان پىششىق يېمەكلىك، يېڭى توغرالغان مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر ئاز تاللاش، تاماق يەتكۈزۈش ئارىلىقى ۋە ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولغان دۇكانلارنى تاللاش كېرەك، پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويۇشنى ئازايتىش، ۋەيمەينى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئورالمىسىنىڭ بۇزۇلغان-بۇزۇلمىغانلىقىنى، يەتكۈزۈپ بېرىلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغانغان-بۇلغانمىغانلىقىنى ياكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن- ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

  مەكتەپ ئاشخانىلىرى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

  1. ئاشخانىنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك: ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرىنى قەرەللىك ھالدا تەلتۆكۈس تازىلاپ ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، يېمەكلىك ساقلاش مۇھىتىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەتچى خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ھەر كۈنى ئىگىلەپ تۇرۇش، ئاغرىق ھالەتتە ئىش ئورنىغا چىقماسلىق، خىزمەت مەزگىلىدە شەخسىي تازىلىق قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك، مەسىلەن، قولنى پات-پات يۇيۇش، ماسكا تاقاش ۋە باش كىيىم كىيىش كېرەك.

  2. يېمەكلىك سېتىۋېلىش ھالقىسىغا سەل قارىماسلىق كېرەك: ئىناۋىتى ياخشى تەمىنلىگۈچى سودىگەر، يېمەكلىكلەرنىڭ يېڭى، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاسان چىرىيدىغان يېمەكلىكلەرگە قارىتا، سوغۇق ساقلاش ۋە ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ توشۇش ۋە ساقلاش جەريانىدا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  3. يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش كېرەك: ئاشخانا خىزمەتچىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىشى كېرەك. خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماق ئېتىش جەريانىدا، يېمەكلىكلەرنىڭ تولۇق پىشۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ گۆش تۈرى، تۇخۇم تۈرى ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىق ئاسان كېسەل قوزغاتقۇچىلار ئېلىپ يۈرىدىغان يېمەكلىكلەرگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  4. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش كەم بولسا بولمايدۇ: ئاشخانىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىش كېرەك.

  ​

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.