تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2024-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى مەملىكەتلىك داشۆ ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى

    مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى مەملىكەتلىك داشۆ ئىنگلىز تىلى 4-، 6-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ CET دېيىلىدۇ) ۋە ئېغىزچە ئىمتىھانى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ CET-SET دېيىلىدۇ) ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلاردا تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتى كەينى-كەينىدىن باشلىنىدۇ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار  توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە چۈشەنچە بېرىلىدۇ:

     بىرىنچى، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن ۋە ۋاقىت

    12-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە(CET4)، چۈشتىن كېيىن ئىنگلىز تىلى 6-دەرىجە(CET6) ئىمتىھانى، كونكرېت ۋاقتى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئېغىزچە ئىمتىھانى(CET-SET4)، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىنگلىزتىلى 6-دەرىجە ئېغىزچە ئىمتىھانى(CET-SET6) ئېلىنىدۇ، كونكرېت ۋاقتى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

      ئىككىنچى، تىزىملىتىش ۋاقتى

     ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ بەلگىلىگەن ۋاقىتتا CET مەملىكەتلىك توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى(cet-bm.neea.edu.cn)غا چىقىپ سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يېزىقچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇش ۋە ئېغىزچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇشنى تاماملىشى كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى

    يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 9دىن كېيىن بولىدۇ، كونكرېت ۋاقتى ئىمتىھان بەرگۈچى تۇرۇشلۇق مەكتەپ ئۇقتۇرۇش قىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئېغىزچە  ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 9دىن كېيىن بولۇپ، كونكرېت ۋاقتى ئىمتىھان بەرگۈچى تۇرۇشلۇق مەكتەپ ئۇقتۇرۇش قىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

     تۆتىنچى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

    1. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جەزمەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تەرتىپى، تىزىملىتىش كېلىشىمى ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ، تىزىملىتىش ۋە ئىمتىھاننىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى چۈشىنىشى كېرەك.

     2. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىكى مۇھىم ئەسكەرتمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئەگەر چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا ئىمتىھان نۇقتىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

    3. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شەخسىي ساغلاملىقى، مۇداپىيەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.