9-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ كۇنيۈ شەھىرى يۈيۈەن بازىرى خېتەي يېڭى رايونى كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى باقمىچىلىق بازىسىدا، باقمىچى شىرنىياز مىجىت قويلارغا يەم بەرمەكتە. خېتەي يېڭى رايونى كۆپ تۆللەيدىغان ساففۇك نەسىللىك قوچقىرى بىلەن خۇياڭ قويى، گۇما قىزىل قويى، خوتەن قويى قاتارلىق قوي نەسىللىرىنى كىرگۈزۈپ شالغۇتلاشتۇرۇپ نەسىل ياخشىلاپ، تۆللەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
شىنجاڭ كۇنيۈ شەھىرى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. 2016-يىلى شەھەر قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۇنيۈ شەھىرى دېھقان-ئىشچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك كۆچەت كىرگۈزۈش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق نەسىللىك چارۋىلارنى ياخشىلاپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، دېھقانلار شىنجاڭ كۇنيۈ شەھىرى لاۋبىڭ بازىرىدىكى بىر باغدا شىمېيلارنى خىللىماقتا ۋە يەشىكلەرگە قاچىلىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ كۇنيۈ شەھىرى لاۋبىڭ بازىرىدىكى بىر باغدا، دېھقان نيۇ خەيلىن شىمېيلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىر دېھقان شىنجاڭ كۇنيۈ شەھىرى لاۋبىڭ بازىرىدىكى بىر باغدا شىمېي ئۈزمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ كۇنيۈ شەھىرى يۈيۈەن بازىرىدىكى بىر چىلان بېغىدا، دېھقان ليۇ فۇچۇن جۈنزاۋ چىلىنىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى