شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، دىڭ جىڭ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدە جۇڭگو − ئافرىقا خەلقلىرى ئورتاق كېڭەشتى، ئورتاق بەرپا قىلدى، ئورتاق بەھرىلەندى، ئۇ، جۇڭگو − ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا ئايلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىدىكى بىر بايراق بولۇپ قالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سېررالېئون ئىككى دۆلەت داۋاملىق بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېررالېئون تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، بايلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېررالېئون تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىدا ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئافرىقا ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
بىئاۋ جۇڭگو تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، سېررالېئون تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. بىئاۋ مۇنداق بىلدۈردى: سېررالېئون - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، مەن ئالدىنقى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا يەنە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ سېررالېئون تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، يېزا ئىگىلىكى، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم، يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، قالتىس داھىيلىق سالاپىتىنى نامايان قىلدى، سېررالېئون تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ سېررالېئوننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. سېررالېئون تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك دوستى بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، شيۇڭ لىن) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ياخشى دوست. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىق، چوڭقۇر خەلق دوستلۇقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ھەمكارلاشتى. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىلەن قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مۇداپىئە ئىشلىرى خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ 2027 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولىدىغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئوبىئاڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە ئافرىقا خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى ھېس قىلدىم. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى تەشكىللەش خىزمىتى ئەتراپلىق، ئىنچىكە بوپتۇ، باش تېما لايىھەسى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئىنتىلىش ئارزۇسىغا ماس كەپتۇ، چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىشنى ساقلىدى. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ قىياپىتىنىڭ يېپيېڭى تۈسكە كىرىشىگە ياردەم بەردى، جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، لۇ چاڭ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن تانزانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. جۇڭگو - تانزانىيە دوستلۇقى ئىككى دۆلەت پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى داۋامىدا يىلتىز تارتقان، ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشى داۋامىدا تەرەققىي قىلغان، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش داۋامىدا زورايغان. جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - تانزانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، جۇڭگو - تانزانىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى جانلاندۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي ئافرىقا تۆمۈريول - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت تورىنى ھەمكارلىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تانزانىيەنى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تانزانىيە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قارىتىلغان سىياسىتى تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلىنغان جاي. 2013 - يىلى، مەن تانزانىيەدە ئافرىقىغا قارىتا چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ يىل 3 - ئايدا، جۇڭگو - ئافرىقا ئالىملىرى تانزانىيەدە «جۇڭگو - ئافرىقا دارېسسالام ئورتاق تونۇشى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئىدىيە ئورتاق تونۇشىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتى يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش تارىخىي ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ، مۇھىم ئىدىيە قىممىتى ۋە يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە. جۇڭگو تەرەپ تانزانىيە تەرەپ بىلەن جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
خاسان مۇنداق بىلدۈردى: 2022 - يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش چوڭقۇر ئېسىمدە، يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ھەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلدى، ئالاقىدار ھەمكارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئافرىقا - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئافرىقىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. جۇڭگو تانزانىيەنىڭ ئىشەنچلىك ۋە كەم بولسا بولمايدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى. تانزانىيە ئىنقىلاب پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قېرىنداشلارچە چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى بار، تانزانىيە تەرەپ نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە تەربىيەلەش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى خالايدۇ. تانزانىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى جانلاندۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايمەن.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، لو شىن) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن زامبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. ئىككى دۆلەت پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان جۇڭگو − زامبىيە دوستلۇقى يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى ھەم ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بۇلتۇر بىز جۇڭگو - زامبىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىغانىدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل ئاشتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى مول بولدى، جۇڭگو - زامبىيە ئىقتىساد - سودا يىلى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيەتلىرى مول بولدى. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - زامبىيە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى 60 يىلى ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىشى، يېڭى سەھىپە پۈتۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زامبىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى زامبىيەنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، زامبىيە ۋە ئافرىقىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. زامبىيە 2000 - يىلى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. جۇڭگو تەرەپ زامبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - زامبىيە، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
خىچىلېما مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا بارغانلىكى جايدا بىردەك قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋېلىندىم، نۇرغۇن پايدىلىق تەجرىبىگە ئېرىشتىم. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئافرىقا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەن بۇلتۇر جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا يەنە نۇرغۇن مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بايا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. زامبىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ زامبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. زامبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا نامايان قىلغان قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن زامبىيە ئىككى تەرەپ جۇڭگوغا دادۇر ئېكسپورت قىلىش، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، تەرەققىيات - ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، گو يۈجىڭ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇسى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موزامبىك باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىللە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى مول بولۇپ، جۇڭگو - موزامبىك مۇناسىۋىتى چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان يېڭى مەزگىلگە قەدەم قويدى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن موزامبىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - موزامبىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئىرادىسى نامايان قىلىندى، بۇ، جۇڭگو بىلەن موزامبىكنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللايدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، موزامبىكنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. موزامبىك تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، موزامبىك تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
نيۇسى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. موزامبىك تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن، نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» سىياسىتىنى قوللايدۇ، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلەشكە قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. موزامبىك تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلار ھەمدە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەكلىپلەرنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك قارالمىلاردا ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو - موزامبىك ئىككى تەرەپ ياغاچ پۇرچاق، ھاۋاي مېۋىسى ۋە ياۋگونى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، يۈەن رۇي) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەنفېي بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن لىۋىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لىۋىيە ئەنئەنىۋى دوستلاردىن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قوللاپ، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى. ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپنىڭ لىۋىيەنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوللاش، جۇڭگو - لىۋىيە دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىۋىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - لىۋىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ لىۋىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، لىۋىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىۋىيەنىڭ ئىقتىسادنى قايتا بەرپا قىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ، لىۋىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىغا ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىۋىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئافرىقا، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىكى كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
مەنفېي مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، بۇ، لىۋىيە - جۇڭگو، ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. مەيلى تىنچلىق ياكى ئىقتىساد نۇقتىسىدىن بولسۇن، جۇڭگو لىۋىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لىۋىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ئىقتىساد - سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىقتىسادنى قايتا بەرپا قىلىشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، لىۋىيە تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشنى خالايدۇ. لىۋىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزگەرمەيدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، ليۇ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گابون زۇڭتۇڭى ئېنگۇما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مۇناسىۋەت تەرەققىي قىلىپ جۇڭگونىڭ ئافرىقا ھەم كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل دەل جۇڭگو بىلەن گابون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ گابون تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو - گابون ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - گابون ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقتىن كۈچ ئېلىپ، قەتئىي تۈردە بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان گابون پايتەخت ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، كەسپىي مائارىپ مەركىزى قاتارلىق تۈرلەر گابون خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە - ساغلاملىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گابون ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە گابون تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى ۋە رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
ئېنگۇما مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مېنى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا ھەم ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، گابون - جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. گابون بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق، جۇڭگو گابوننىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق گابوننىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ گابونغا سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىدە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. گابون تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ياخشى تەبرىكلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، گابون - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو - گابون ئىككى تەرەپ سېلىنما ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، شۈ كې) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - كامېرون مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ بىيا ھەر قېتىملىق جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو - كامېرون دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، دوستانە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. جۇڭگو تەرەپ كامېرون تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئىچكى خاس مەزمۇنغا ۋە سالماققا ئىگە جۇڭگو - كامېرون دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامېرون تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى ئىزچىل قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامېرون تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، تېررورىزمغا زەربە بېرىش، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بېرىش - كېلىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ تەرەققىياتى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، كامېرون ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامېرون تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كامېرون تەرەپ بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداشنى خالايدۇ.
بىيا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مېنىڭ 8 - قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىم، جۇڭگو تەرەپنىڭ قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، ئافرىقا - جۇڭگو ئارىسىدىكى ئىزچىل دوستلۇقنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە كامېرون - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى. كامېرون بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ كامېروندا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كۆپلىگەن تۈرلەر كامېروننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. كامېرون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. كامېرون ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار بايلىقىغا ئىگە، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كامېرونغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كامېرون تەرەپنىڭ قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ. كامېرون تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى ئالقىشلايدۇ ھەم قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، جاڭ شياۋ) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابىي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېفىيوپىيە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق، ئازادلىقنى كۆزلەش ۋە ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشتىكى ئۈلگىسى، جۇڭگو - ئېفىيوپىيە مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ ئېفىيوپىيە تەرەپ بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو - ئېفىيوپىيە ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر قەتئىي قوللاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، يىمىرىلمەس جانجىگەر دوستلۇقنى تاۋلاپ چىقتى. ئىككى تەرەپ يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى ۋە يېتەكلەشچانلىقىنى يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئېفىيوپىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى قوللايدۇ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئېفىيوپىيەنىڭ رايون قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ ھەمتۈرتكىلىك يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي قىسىم ئافرىقا رايونى تۆمۈريول - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت تورى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئېفىيوپىيە بىلەن بىرلىكتە رايون قاتلىمى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «ئافرىقا تۇمشۇقى تىنچ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. ئېفىيوپىيە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇپ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل قوللىدى. جۇڭگو تەرەپ ئېفىيوپىيە بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئابىي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ھەم جۇڭگونىڭ، بولۇپمۇ بېيجىڭنىڭ تارىخ بىلەن زامانىۋىلىشىشنى مۇكەممەل يۇغۇرغانلىقىدىن ھۇزۇرلاندىم، بۇ، ئېفىيوپىيەنىڭ شەھەر ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئۆرنەك ئېلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. جۇڭگونىڭ ئېفىيوپىيەگە قاراتقان سىياسىتى باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى تولۇق نامايان قىلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان مۇناسىۋەت. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئېفىيوپىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئېفىيوپىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، سانائەت، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېفىيوپىيەنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېفىيوپىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.