باش كۈزدىكى توققۇزتارا
خۇددى ياز كۈنلىرىدىكى قىزغىنلىقتىن
يېڭىلا ئويغانغان ئۇيقۇدىكى ساھىبجامالغا ئوخشاش
ئۆزىگە خاس جەلپكارلىقىنى ئاستا-ئاستا نامايان قىلماقتا
كۈزدىكى توققۇزتارا
بەئەينى رەڭدار چۆچەكلەر دۇنياسى بولۇپ
يۇپۇرماقلار سېرىق رەڭدە بويالغان
ئوتلاقلار، بال قارىغايلار ئالتۇنرەڭگە پۈركەنگەن
قويۇق ئورمانلار رەڭدار تۈسكە كىرگەن
رەڭگارەڭ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل
بىر يىل ئىچىدە
پەقەت كۈز پەسلىنىڭلا تويۇنۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ
خۇددى دۈم كۆمتۈرۈلگەن رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشاش
گاھى جايلىرى قىزىل رەڭدە ئەكس ئەتسە
گاھى جايلىرى يەنىلا ياپيېشىل كۆز چاقنىپ تۇرىدۇ
كۆندەلەڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، «تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئورمان ئوكسىگېنخانىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، كۆندەلەڭ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان شەمشاد ئورمان بايلىقىغا ئىگە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى كۈز مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرى.
كۈزدىكى كۆندەلەڭدە
تۇپراق رەسىم كەبى رەڭدارلىققا تولغان، قاتمۇقات ئورمانلار رەڭ بىلەن تولۇق بىزەلگەن بولۇپ
ئالتۇن كەبى چاقناپ تۇرىدۇ
شەمشاد دەرىخى بىلەن قارلىق تاغ ئۆزئارا ھۆسن قوشۇپ، يېشىللىق ئىچىدىكى رەڭدارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدۇ
سۇ شىلدىرلاپ يىلانباغرى تولغىنىپ ئېقىپ، تۇتاش كەتكەن تاغلار تۇپراققا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ
ۋاڭ جېڭرېن فوتوسى
چاچىدا
رەڭدار تۈسكە كىرگەن قويۇق ئورمان، كۈز شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلايدۇ
تاغ-دەريالارنى بېسىپ ئۆتۈپ چاچىنى كۆرۈشكە بېرىش ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ!
ئوتلاق، قارلىق تاغ، ئورمانلىقنىڭ ئۇچرىشىشىدىن
شەكىللەنگەن ئىستېرېئولۇق مەنزىرە
ئىلى ئوتلىقىدىكى بىر ئۆزگىچە مەنزىرە لىنىيەسى ھىسابلىنىدۇ
شۇنداقلا سانسىزلىغان مەنزىرە فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ يۈرىكىدىكى مۇھەببەتتۇر
چاچى دۆلەت ئورمان باغچىسى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 55 كىلومېتىر كېلىدۇ، جىرغالاڭ يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون. تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس تاغ تىزمىلىرى خۇددى زىمىننىڭ تۈۋرۈكىگە ئوخشاش كۈچلۈك، ھەيۋەتلىك ئىزنالارنى سىزىپ چىقىدۇ.
شېئىر كەبى كۈز مەنزىرىسى، سۈرەت كەبى مەنزىرە
بۇ پەسىلدە
چاچى مەنزىرە رايونىدا
بىر پارچە ئاجايىپ چىرايلىق رەڭدار يۆگىمە رەسىم نامايان بولىدۇ
تاغ چوققىسى رەڭگارەڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بېزىلىدۇ
قېنىق يېشىل رەڭدىن ئالتۇن رەڭگىچە، ئوتقاشتەك قىزىل رەڭدىن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگىچە
ھەممىسى خۇددى تەبىئەتنىڭ
ئەڭ چىرايلىق رەڭ بىلەن سىزىپ چىقىلغان نادىر ئەسەرلىرىدۇر
ياۋا ياڭاق جىلغىسىدا
كۈز مەنزىرىسى يېقىشلىق بولۇپ، يېشىللىق بىلەن ئالتۇن رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن
كۈز پەسلىدىكى ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا
ياز كۈنلىرىدىكى پارچە-پارچە ئورمانلىقنىڭ يېشىل رەڭگى سۇسلاشقان بولۇپ
ئۇنىڭ ئورنىنى
ئارىلىشىپ كەتكەن ئوتقاش كەبى قىزىل
ئالتۇن كەبى سېرىق ۋە زۇمرەت كەبى يېشىل رەڭلەر ئالىدۇ
رەڭلەر بىلەن تولۇق بىزەلگەن قاتمۇقات ئورمانلار
خۇددى بىر پارچە ماي بوياق رەسىم كۆرۈنۈشىدەك
تولىمۇ چىرايلىق
ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونى توققۇزتارا ناھىيە بازىرىنىڭ 13 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى. كەڭ كەتكەن ياۋا ياڭاقلىق ئورمىنى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ياۋا ياڭاق ئۈچىنچى گېئولوگىيەلىك دەۋرگە تەۋە مىراس تۈر، ئىنتايىن ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئاجايىپ مىراس تۈر بايلىقى ۋە ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە بولغاچقا، ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
يىراقتىكى تاغ جىلغىسىدا
ئاتلار توپلىشىپ غەمسىز ھالدا ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقان
كىچىك تىيىن دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سەكرەپ-تاقلاپ ئويناۋاتقان
شاد-خۇرام مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ
كۈزدىلا ياۋا ياڭاق جىلغىسى مەنزىرە رايونى
ئۆزىنىڭ ئەسلىي رەڭدارلىقىنى قويۇپ بېرىدۇ
ئورمان، دەريا، تاغ تىزمىلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ
ئاجايىپ چىرايلىق رەڭدارلىقنى نامايان قىلىدۇ
كەچ كۈز يېتىپ كېلىش ئالدىدا
توققۇزتارانىڭ ئالتۇن رەڭ بىلەن «تويۇنۇش دەرىجىسى» سىجىل ئاشماقتا
سىز تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟
(توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى كۇڭ چىڭپىڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى