ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
9-ئاي مول ھوسۇل پەسلى
ساۋەن لازىسى، خوشۇت لازىسى، يەكەن لازىسى...
شىنجاڭ لازىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىنى قىزارتتى
مۇھەررىر ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنى باشلاپ بېرىپ بىرنەچچە خىل لازىنى تۇنۇشتۇرىدۇ
1
دېڭلۇڭ (پانۇس) لازا
تەمى ئاچچىق
ئۇرۇقى كۆپ
ئېتى قېلىن ئەمما يۇمشاق
2
مىفېن لازا
ئىنتايىن ئاچچىق تىپتىكى لازا
پوستى نېپىز ئۇرۇقى ئاز
ئاچچىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى
قىيام قىلىشقا ماس كېلىدۇ
3
شياۋمىلا(كىچىك لازا) لازا
بۇنداق يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدىغان لازىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق
تەمى ئاچچىق
ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسىنى تېز سۈرئەتتە غىدىقلايدۇ
قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مول ھوسۇل يۆگىمە رەسىمى سانسىزلىغان دېھقانلارنىڭ
جاپالىق تەرى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر
تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ لازا كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ
كۈچلۈك گۇۋاھچىسىدۇر
باغراش ناھىيەسى «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئۇسۇلىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ
لازا كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ
كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى
يەكەن ناھىيەسىدىكى لازا پىششىقلاش زاۋۇتىدىمۇ
ئوخشاشلا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ
ئارىلاشمىلارنى چىقىرىۋېتىش، ئۇرۇقىنى ئايرىش، رەڭ تاللاش قاتارلىق قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق پىششىقلىغاندىن كېيىن
يېڭى لازىلارنى ئوراپ ئامبارغا كىرگۈزۈپ
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىشكە تەييارلاندى
بۇ يىل، خوشۇت ناھىيەسى 180 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە لازا تېرىدى
ھوسۇلىنىڭ 109 مىڭ 200 توننا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى
مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن
شىنجاڭ «لازا»سىدىن ئېلىنغان
ياخشى «مول-ھوسۇل» مەنزىرىسى
دېھقانلارنىڭ تەبەسسۇمىدا ئەكس ئەتتى
(ئانار بۇلۇت ئۇنىۋېرسال: ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)