تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۇلۇغچات «خۇاڭجىن 7-نومۇر» قوغۇنى پىشتى، قوغۇنچى دېھقانلار مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى

   8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى كانسۇ بازىرى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئالتۇندەك ساپسېرىق يۇمىلاق قوغۇنلار پېلەكلەر ئارىسىغا لىققىدە تولغان بولۇپ، قويۇق شېرىن ھىد ئەتراپقا تارالغانىدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى «خۇاڭجىن 7-نومۇر» قوغۇنىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىنغان بولۇپ، قوغۇنچى دېھقانلار پىشقان قوغۇنلارنى ئۈزۈۋاتاتتى. كانسۇ بازىرى بىلەن شىنجاڭ گولېدا يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، زاكاز ئەندىزىسى ئارقىلىق 130 پارنىكقا «خۇاڭجىن 7-نومۇر» قوغۇنى تېرىدى، شىركەت ئۇرۇق ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، قوغۇن پىشقاندىن كېيىن شىركەت بىرتۇتاش سېتىۋالدى، بۇ، قوغۇنچى دېھقانلارغا مۇقىم كىرىم ئېلىپ كەلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئۇچقۇن مەمەتقۇربان، ۋاڭ جياخۇي)

قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بۇ بازاردىكى كەسىپلەر باغچىسى قوغۇن ئۈزۈش نەق مەيدان كۆرىكى ئۆتكۈزدى.

   «خۇاڭجىن 7-نومۇر» قوغۇنى شالغۇتلاشتۇرۇلغان 1-ئەۋلاد ئارا پىشار سورت بولۇپ، چۈرۈك ھەم تەملىك، قەنت تەركىبى يۇقىرى، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.