تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش خىزمىتى باشلاندى! بۇ كىشىلەر بىۋاسىتە ئالىي ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) باھالىنىدىغان خادىملارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرى تورىنىڭ مۇناسىپ ئىسپاتىنى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ھەم شۇ كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 18 يىلدىن ئاشقانلار ئالىي ئۇنۋانغا بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ... 2024- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى سىستېمىلار (كەسىپ)نىڭ ئۇنۋان باھالاش خىزمىتى باشلاندى، بۇ يىللىق باھالاش سىياسىتى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۈزلۈكسىز مائارىپ ۋە ئۇنۋان باھالاشنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى لى بو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل باھالىنىدىغان خادىملارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركىن كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، ھەمدە باشقا جايلاردىكى پۇقراۋى كارخانىلاردىن ئۈرۈمچى ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن، ئۇدا خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىمۇ كىرگۈزۈلدى.

    ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇش جەھەتتە، كەڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى بىرلەشتۈرۈش، قىسقارتىش ياكى بەزى تۈرلەردىكى ماتېرىياللارنى كەم تاپشۇرۇش بېكىتىلدى.

    «ئىلگىرى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن ئوقۇش تارىخىغا دائىر مۇناسىپ دەلىل- ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان، ھازىر ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسىگە ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەنلا تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىدىغان بولدى. خىزمەتچى خادىملار ئۆزلىرى جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرى تورى ئارقىلىق ئوقۇش تارىخىنىڭ چىنلىقىنى تەكشۈرىدۇ». لى بو مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق تەكشۈرگىلى بولىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارغا قارىتا، باھالاش ئاپپاراتلىرى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن ئۆزى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت بەزى ئاساس خاراكتېرلىك دەلىل- ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىسىلا بولىدۇ.

    سىياسەتتە مايىللىشىش جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىلگىرىكى يىللاردا قوللانغان سىياسەتلەر بىلەن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، باھالاش سىياسىتىنى تېخىمۇ توغرا ۋە ئەتراپلىق قىلدى.

    مەسىلەن، ئورگاندىن (تارقاقلاشتۇرۇلغان، ئالماشقانلارنىمۇ ئۆز ئىگە ئالىدۇ) ھەر خىل كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان خادىملارنىڭ ئورگان خىزمەت يىل چېكى كەسپىي تېخنىكا خىزمەت يىل چېكى دەپ قارىلىدۇ. تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ھەم شۇ كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 18 يىلدىن ئاشقانلار ئالىي ئۇنۋاننى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛

    ئومۇمەن ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدە كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكىدىن باشقا مۇناسىپ سىستېما (كەسىپ) ئۇنۋانى بولسا ھەم ئالاقىدار شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇناسىپ سىستېما (كەسىپ) بويىچە بىر دەرىجە يۇقىرى ئۇنۋان باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ؛

    پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىش ئورنىدىن تەستىق بىلەن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياكى پۇقراۋى كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى خىزمەت نەتىجىسى ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ...

    ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىغا ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، كارخانا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى تەرەققىيات رايونىنىڭ مەخسۇس يولىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە ئالاھىدە تەلەپ بولغانلىرىدىن باشقا، ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئىمتىھانى تەلىپى قويۇلمايدۇ، ئىلمىي ماقالە چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرت قىلىنمايدۇ، پاتېنت نەتىجىسى، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپى، ئۆلچەم تۈزۈش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئورنىغا دەسسىتىلىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، نەتىجىسى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.

    بۇ قېتىمقى ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى − ئۈرۈمچى ئۇنۋان باھالاش سىستېمىسى wlmq.xjzcsq.comدا قانات يايدۇرۇلۇپ، توردا ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى، باھالاش شەرتى قاتارلىق كونكرېت ئىشلارنى بۇ سىستېمىغا كىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.