تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئالتاي شەھىرىدىكى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەك قىزىپ كەتتى

    غەيرەت قىلىڭلار! غەيرەت قىلىڭلار! كۆپچىلىكنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى ئىچىدە ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى قىزىليار كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرى ۋە ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن ئارغامچا تارتىشىش كوماندىسى قىزىل تاش بازىرى شىبەت كەنتى كوماندىسىنى يېڭىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى...

    8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرى شىبەت كەنتى ئالتاي شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ قىزىل تاش بازىرىدا «شادلىققا چۆمگەن يېزا-كەنت سەپىرى.قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇھەببىتى» تېمىسىدا بازار-كەنت كادىرلىرى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان كادىرلار، بازار كادىرلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندىلار ئارغامچا تارتىشىش، ئارغامچا سەكرەش، كوللېكتىپ ئارغامچا سەكرەش، قول قايرىشىش قاتارلىق قىزىقارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى، سەككىز كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى.

    تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، كۈلكە سادالىرى، مەدەت سادالىرى ئۈزۈلمىدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان بازار-كەنت كادىرلىرى تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى. نەق مەيداندا مول ھەم كۆپ خىل پائالىيەت تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەم شەخسنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان «قول قايرىشىش»، ھەم كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى سىنايدىغان «ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى»«كوللېكتىپ ئارغامچا سەكرەش» قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى. 

    پائالىيەت داۋامىدا قانۇننى بىلگۈچىلەر، خەلق مۇرەسسەچىلىرى تەقدىرلەندى، كۆپچىلىك خەلق مۇرەسسەسىنىڭ زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىشتىكى «بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى»لىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «قانۇننى بىلگۈچىلەر»دىن بولۇپ، «قانۇن بويىچە چۈشىنىشلىك ئىش» قىلىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ-ئامان قىزىل تاش بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.

 (ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى كۇراش شىخىس، ئىختىيارىي مۇخبىر مالىنا قادىرخان، غۇلامنەبى تۇرسۇنتوختى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.