تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى قاتارلىق يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

   2024-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شى زىخەي ئۆمەك باشلاپ تيەنجىنگە بېرىپ، دۆلەت تەشكىللىگەن يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تيەنجىن شەھەرلىك تېببىي دورا سېتىۋېلىش مەركىزى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. 

   شى زىخەي مۇنداق دېدى: يېڭى تۈركۈمدىكى دۆلەت تەشكىللىگەن يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مىقدارى بويىچە مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى قاتارلىق يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، خورىما ماتېرىيال بازىرى ۋە كىلىنىكىلىق داۋالاشتىكى ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، «بىر مەھسۇلاتقا بىر سىياسەت بولۇش» بويىچە مەركەزلىك سېتىۋېلىش قائىدىسىنى تەتقىق قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 4-تۈركۈمدىكى خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش، سۈنئىي بوغۇم كېلىشىمى مۇددىتى توشقاندا داۋاملىق سېتىۋېلىش جەريانىدا نەتىجىنى تاللاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىپ، تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللانغان مەھسۇلاتلارنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي نەپكە ھەقىقىي ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

   دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى باھا ۋە خېرىدار چاقىرىش، سېتىۋېلىش مەھكىمىسى، تيەنجىن شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

​مەنبە: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.