تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرى «خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر» دەپ ئىلتىماس قىلىنماقچى

    نۆۋەتتە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرىنى خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇلۇق يېرى دەپ ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بايىنبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى چوڭ يۇلتۇز يادرولۇق رايونىنى خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر دەپ ئىلتىماس قىلماقچى بولدى. 

    بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرى شىنجاڭ تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى چوڭ يۇلتۇز ئويمانلىقىنىڭ تۆۋىنىدىكى سازلىققا جايلاشقان، ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، قايدۇ دەرياسى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سازلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئېگىز سوغۇق سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، سازلىق سۇلۇق يېرى ۋە دەريا سۇلۇق يېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    سوغۇق ۋە توڭ تۇپراقنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، سۇلۇق يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى تىپى سازلىق ئوتلىقى ۋە ئېگىز ھەم سوغۇق يەر ئوتلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى چوڭ ئاق قۇ، كىچىك ئاق قۇ، قارا لەيلەك، سېرىق بۈركۈت، ئالا قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى(يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان) قاتارلىق ئەتىۋارلىق قۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ماكانى ھەم كۆپىيىش ئورنىنى قوغداش بىلەن دۇنياغا تونۇلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ يايلىقى ۋە سازلىق سۇلۇق يەرلىرى مەركەزلىك تارقالغان رايون ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاق قۇ ماكانى ۋە كۆپىيىش ئورنى. 

     2023-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا سۇلۇق يەر ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىش ئىشخانىسىغا «شىنجاڭ بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرىنى خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەر قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىپ ئىلتىماس قىلىش ئالاقىسى»نى يوللىدى. 

     «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا سۇلۇق يەر ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ خەلقئارادىكى مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى تەۋسىيە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرى سۇلۇق يەر ئەھدىنامىسىدىكى «خەلقئارا مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى بېكىتىش ئۆلچىمى»گە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلقئارادىكى مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنى ئىلتىماس قىلىشقا ماس كېلىدۇ، ھازىر، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.