تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2024 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ «جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى»دىكى ئېسىل دەقىقىلىرىنى ئالدىن كۆرۈش

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2024-يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، نەپىس ئۇسسۇل «ئۇچرىشىش خۇشاللىقى» تاماشىبىنلارغا ناھايىتى زور ھۇزۇر بېغىشلىماقتا. 

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) نۇر چاقناپ تۇرىدىغان خۇڭيەن دەرياسى بويىدا، «تولۇن ئاي» خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، چىراغ مەنزىرىسى بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، ئىللىق ھەم رومانتىك جەم بولۇش سورۇنى ھازىرلىغانىدى. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، «ھاياتتىكى ئەڭ لەززەت ئىش ــــ جەم بولۇش» تېمىسىدىكى 2024-يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى كورلا شەھىرىدە سۈرەتكە ئېلىندى. 

   2024-يىللىق شىنجاڭ «جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى» «جۇڭچيۇدا ئاي تاماشاسى قىلىش»نى چۆرىدەپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت «ئايغا سەپەر» «ئاي تاماشاسى» «ئايغا مەدھىيە»نى يىپ ئۇچى قىلىپ، 1-قىسمى «باھاردىكى ئايدىڭ كېچە»، 2-قىسمى «1000 چاقىرىم ئارىلىقتىمۇ گۈزەل چاغلاردىن تەڭ بەھرىلىنىش»، 3-قىسمى «جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىمۇ ئاي تاماشاسىنى بىللە قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن 20دىن ئارتۇق نومۇر تەسىس قىلىندى. 

   ئومۇمىي نومۇرنىڭ لايىھەلىنىشى «سۇ، ئاي، شېئىر، پانۇس» قاتارلىق جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئوبرازى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، شېئىر، ناخشا-قوشاق، دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى ناخشا-مۇزىكا، جۇڭخۇا ئۇسسۇل مۇزىكىسى، ئەلنەغمە، چامباشچىلىق، سېرىك قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان كۆپ خىل سەنئەت شەكلى ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، شىنجاڭچە خاسلىق، ھازىرقى زامان ئىستېتىكىسى يۇغۇرۇلۇپ، چۆكمە شەكىلدىكى ئويۇن بوشلۇقى بەرپا قىلىنىپ، تاماشىبىنلارغا پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا باي، دەۋر ئالاھىدىلىكى قويۇق، مەنىسى گۈزەل «جۇڭچيۇ بايرىمى سوۋغىسى» سوۋغا قىلىندى. 

   كېچىلىكنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، «تيەنسەي» ھاراقچىلىق قورۇقى بىردىنبىر نام يېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تاراتقۇلارنىڭ كۆپ تىللىق قانىلىدا بىرلا ۋاقىتتا كۆرسىتىلىپ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا جەم بولۇش پۇرىقىغا تولغان «مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى» تەقدىم قىلىنىدۇ. 

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2024-يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، ناخشىچىلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ناخشا ئېيتماقتا. 

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2024-يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، تاماشىبىنلار ئېسىل نومۇرلارغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتماقتا. 

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2024-يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇسسۇل «تەبرىكلەش»نى ئورۇنلىماقتا. 

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2024-يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، ئارتىسلار ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2024-يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، ئارتىسلار «ئاق قۇ» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.